欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(艾某某危险驾驶罪一案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕173号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)    173-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxx ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا -xxكەنىت -xxمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، كاۋاپچى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى xx ئۆلكىسى xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 8ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىينكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئەxx    xx-يىلى  xx -ئاينىڭ  -xxكۈنى سائەت 21:00 ئەتىراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە   xxمەيدانى ئەتىراپىدىكى بىر مۇزىكىلق كۇلۇبنىڭ ئالدىغا ئاپىسىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى  xx-نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق، قارا رەڭلىك موتسىكلىتىنى توختىتىپ قۇيۇپ، مىxx  بىلەن كۇلۇبقا كىرىپ ئىككى بوتۇلكا جىڭجۇ ماركىلىق قىزىل ھاراق ئىچكەن، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت  00:00 دە ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز، مەس ھالەتتە ھەيدەپ، ئارقىسىغا مىxxنى مىندۈرۈپ ئۇچتۇرپان ناھىيە xx  زاۋۇتى ئالدىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە  ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار ئەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 214.79 مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئەxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جامائەت خەۋپسىزلىگى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تەرتىپىنىڭ دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يول بۈلۈكى، مۇساپە ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش ۋە قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى

-2020يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى  xxxxxx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top