温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕314号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئەXX، ئەر ، ئۇيغۇر،1993-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6529011993، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە X بازىرى X يولى X –نومۇرX پونكىتى ئائىلىلىكلەر قوروسى X –بىناX -نومۇر. تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق،ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۇنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ شۇ كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئەXX نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى4-ئاينىڭ17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئەXX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 20:05ئەتىراپىدا،ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 新NXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلغاھXXنى چىقىرىپ ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە لۇڭچۈەن ئولتۇراق رايونى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئاپتوموبىلنى ئايلاندۇرۇش جەريانىدا ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئوڭ تەرەپ چاقى يول ياقىسىدىكى گۈللۈك قىرىغا سوقۇلۇپ ئېتىلىپ كەتكەن.
جاۋاپكارئەXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml212.40غايەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارئەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەموتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار ئەXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكارئەXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كېرەمجان ئۆمەر
پۈتۈكچى:ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار ئەXXھازىرئائىلىسىدە كېپىللىكتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومېرى: XXXXXXXXXXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论