欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(艾某危险驾驶案件)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى

ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] -نومۇرلۇق

جاۋاپكار *لى * ، ئەر، ئۇيغۇر،39ياش، 1980-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى 6530221980********، مەدەنيەت سەۋەيىسى: باشلانغۇچ ، كەسپى: دىھقان ،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.

يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيە بارىن يىزا **نت تاشمىلىق ** 236-نومۇر.

جاۋاپكارېل** خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 2019-يىل 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپقىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋاپكار ئېل**ڭ خەۋىپىلىك ھەيدەش دىلوسى ئۇستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيپلەشكە يوللغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش »تەرتىۋىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق،جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارىلىق دىلو ماتىريالىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مەزكۇر دىلوغا «تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى»قوللاندۇق.

تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 22:10دا گۇماندار ېل** مەس قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ئۆزىنىڭ 新P6994Bنومۇرلۇق ئاق رەڭلىك كىچىك تىپتىكى تۇرمۇش ئاپتۇمبىلىنى ئاقتۇ ناھىيە تولۇنئاي رىستۇرانى تەرەپتىن ئاقتۇ ناھىيە يېڭى بارىن بىكەت ئالدىدىكى يول بۆلىكىگىچە خەۋىپلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن،شۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتىۋاتقان ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ،ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى 110قۇماندانلىق مەركىزىگە دىلو مەلۇم قىلغان ،ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ،نەخ مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېلى تۇرغۇننى مەس قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]9222-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت تەركىپىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىدە ئېل** قىنىدا mg/100ml 235ئسپىرىت تەركىۋى بايقالغان دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

يۇقارىقى پاكتنى بېكتشدىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

1-​ يازما ئسپات

1-​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى.

1-​  باھالاش پىكىرى.

1-​  نەق مەيدان سۈرئىتى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : جاۋاپكار ئېل**ڭ يۇقارقى قىلمىشنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددسىنىڭ بەلگلمسىگە ئاساسەن خەۋىپىلىك ھەيدەش جنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگشلىك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلمىسى بويچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دىلونى «تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى»بويىچە قاراپ چىقىپ ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا ئۈچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش ،قوشۇمچە 6000يۈەن شىتراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ،جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق

سوت مەھكىمسگە:

تەپتىش :نۇرىمان تۇرسۇن

تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبۇل

2020-يىلى 1- ئاينىڭ 21-كۈنى.

ئىزاھات:

1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.

2- جاۋاپكار ئاقلغۇچى تەكلپ قلمدى .

3 –«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى»، ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top