欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(艾某·艾某拜尔盗窃案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-ب ج ئە چىقىش (2019) 129–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئەلى ئەكبەر، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى -**ئاينىڭ -**كۈنى ** شەھىرىدە تۇغۈلغان،ئالى مەكتەپ مەلۇماتلىق،كىملىك نۇمۇرى: ******** 6501031988نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ** شەھىرى ** رايۇنى ** يولى**-نۇمۇر**-دوڭ**-نۇمۇرلۇق ئۆي، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:** شەھىرى **رايۇنى **يولى**-نۇمۇر**-بىنا**-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. جىنايەت گۇماندارىغا 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى شىمىگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسىغا بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئەلى ئەكبەرنىڭ ئوغرىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 9-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى ( دىجورنى ئادۇكات ) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1.2019-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ سائەت 1:30 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكارئەلى ئەكبەر، **نىڭ ** رايۇنى ** يولى **قاۋاقخانىسى ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاي**نىڭ ئۇسۇل ئوينىغىلى كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سومكا ئىچىدىن ئوپپو ماركىلىق، RI5X(128G) تىپلىق يانفۇننى ئوغرىلاپ، سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. مال- باھا ئىدارىسى ئوغرىلانغان يانفۇننى 1087.00 يۈەن دەپ بىكىتكەن.

2. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ سائەت 3 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئەلى ئەكبەر، ** رايۇنى **-قۇرۇلۇش ** رايۇنى **- بىنا ئالدىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شە**نىڭ خۇاۋېي ماركىلىق،Mate20X(128G) تىپلىق يانفۇننى ئىشلىتىپ تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئوغرىلاپ، سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. مال- باھا ئىدارىسى ئوغرىلانغان يانفۇننى 3818.00 يۈەن دەپ بىكىتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئوغرىلانغان زاڭ مال ئىگسىگە قايتۇرۇلغان.

جىنايەت گۇماندارى 2 قېتىملىق ئوغرىلىقتا باشقىلارنىڭ جەمئى 4905.00 يۈەنلىك زاڭ مېلىنى ئوغرىلىۋالغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شە**، ئا**لارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئەلى ئەكبەرنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، زاڭ مالنى تۇتۇپ قېلىش ۋە ئۆتكۈزىۋېلىش تالۇنى، مال -باھا ئىدارىسىنىڭ باھالاشنامىسى قاتارلىقلار؛

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتاباشقا پىكرى يوق، ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكارئەلى ئەكبەرنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى يوشۇرۇن ئوغۇرلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. جاۋابكار ئەلى ئەكبەر ئىلگىرى قەستەن جىنايەت سادىر قىلىپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇلۇپ، جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كىيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە قايتا مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى جىنايى جازا بېرىلدىغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھېسابلىنىدۇ، قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىش كېرەك. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن

تەپتىش ياردەمچىسى: ئابلەت ئابلىز

2019–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا؛

2.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.​  جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

4.​ جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كېپىللىك خېتى بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top