欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(自然人犯罪案件)(公开版)_和某某人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

和某某人民检察院

和某某人民检察院 

起 诉 书

和某某检公诉刑诉〔2019〕702号 

 خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىپنامىسى

                     خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019)702-نومۇرلۇق

جاۋابكار ئو**، ئەر، ئۇيغۇر، 1969–يىلى**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6528271969، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى:تىجارەتچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە **بازىرى **كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(يېزا-كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادرىستا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى 2–ئاينىڭ 2–كۈنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ئى**، ئەر، ئۇيغۇر، 1975–يىلى**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271975، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: كاۋاپچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(يېزا-كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇن ** شەھىرى ** ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى 2–ئاينىڭ 10–كۈنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ك**، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6528271990، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازار** كەنىت**-گۇرۇپ**-نۇمۇر(يېزا-كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادرىستا ئولتۇرۇشلۇق، 2019–يىلى 2–ئاينىڭ 20–كۈنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، شۇكۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ق**، ئەر، ئۇيغۇر، 1977–يىلى**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6528271977، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: ئاشپەز، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە ** بازار ** كەنىت**-گۇرۇپ**-نۇمۇر(يېزا-كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادرىستا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى 2–ئاينىڭ 2–كۈنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكارئو**، ئى**، ق**ننىڭ قىمارخانا ئېچىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، جاۋابكار ك**نىڭ قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى ئۈچ قېتىم ئۇزارتىلدى، دېلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇرۇلدى، جاۋابكارلارغا ‹‹جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىللىك قىلىش تۈزۈمى››نى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكارلار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكارلار مەزكۇر دىلودا ئادەتتىكى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

1.قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى

1) جاۋابكار ئو** 2014-يىلى6-ئايدىن 2014-يىلى12-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ** ناھىيە ** بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدە 15 قېتىم قىمارخانا ئاچقان، قىمار سورۇنىدا ئە**، ئا**، ق**، ھ**، ر**، م** قاتارلىقلار تىگىنى 50 يۈەندىن يۇقۇرسىنى 200 يۈەنگىچە قىلىپ قىمار شىشخال(دىڭ-دىڭ)ئوينىغان، قىمارخانىدا ئاساسلىق شىشخال(دىڭ-دىڭ)تۈردىكى قىمار ئويغالغان، جاۋابكار ئو** قىمار سورۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا ھەر بىر قېتىملىق سورۇنىدا1000(مىڭ)يۈەن ئەتراپىدا ئۆزى يالغۇز چوتو يىققان، ھەر بىر قېتىلىق قىمار سورۇنىنىڭ ئومۇمي دەسمايىسى تەخمىنەن5000(بەش مىڭ)يۈەن بولغان، جاۋابكار ئو** قىمار سورۇنىدا قىمار ئويناپ پۇل تۈگىگەنلەرگە 500يۈەندىن 1000يۈەنگىچە قەرىز تارقاتقان.                                                                  

    2) جاۋابكار ق** 2014-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكار ئو**نىڭ ** ناھىيە ** بازىرى دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى ئىككىنجى قەۋەتكە ئاچقان قىمارخانىسىغا كىرىپ، جاۋابكار ئو**كە2000(ئىككى مىڭ)يۈەن سورۇن پۇلى بېرىپ، جاۋابكار ئو**نىڭ قىمارخانىسىدا ئۆزى قىمار ئورۇنلاشتۇرۇپ قىمارخانا ئاچقان، ھەمدە باشقىلارغا قىمار قەرىزى بىلەن تەمىنلىگەن، قىمار سورۇنىدا شىشخال(دىڭ-دىڭ)تۈردىكى قىمار ئوينىغان بۇلۇپ، شۇ كۈنى جاۋابكار ق**غا قىمار ئوينىغۇچىلاردىن ئا** 4000(تۆت مىڭ)يۈەن، ئە** 3000(ئۈچ مىڭ)يۈەن، م**4000(تۆت مىڭ)يۈەن قەرىز بولغان، شۇ كۈنى جاۋابكار ق** قىمار سورۇنىدىن5000(بەش مىڭ)يۈەن ئەتراپىدا چوتو يىققان.                                                                    

3) جاۋابكار ئو** 2016-يىلى8-ئايدىن2017-يىلى3-ئايغىچە **ناھىيە ** بازىرى يېڭى بىكەتنىڭ يېنىدىكى ئۆزى ئاچقان«ج**»نىڭ ئىچىدىكى ئايرىمخانىدا جاۋابكار ئى** بىلەن بىرلىشىپ 10 قېتىم قىمارخانا ئاچقان، قىمار سورۇنىدا غ**، ھ**، ئۆ**، ن**، ئا**، ئا** قاتارلىقلار تىگىنى 50 يۈەندىن يۇقۇرسىنى 200 يۈەنگىچە قىلىپ قىمار شىشخال(دىڭ-دىڭ)ئوينىغان، قىمارخانا ئېچىش جەريانىدا جاۋابكار ئو**،  ئى** ئىككىسى ئالمىشىپ ھەر بىر قىمار سورۇنىدىن 1000(مىڭ) يۈەندىن 10 قېتىملىق قىمار سورىنىدىن 10 مىڭ يۈەن چوتو يىققان، پۇلنى ئىككىسى تەڭ بۆلۈشكەن، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىنىڭ ئومۇمىي دەسمايىسى10000(ئون مىڭ)يۈەندىن 10 قېتىملىق قىمار سورىنىنىڭ ئۇمۇمى دەسمايىسى 100 مىڭ يۈەن بولغان.                    

    4) 2017-يىلى10-ئايدا جاۋابكار ك** ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى**-گۇرۇپتىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە جاۋابكار ئو** بىلەن بىرلىشىپ ئۈچ  قېتىم قىمارخانا ئاچقان، قىمار سورۇنىدا ن**، ئا**، ئۆ**، ش**، غ**، ئە**، ت** قاتارلىقلار تىگىنى 50 يۈەندىن يۇقۇرسىنى 200 يۈەنگىچە قىلىپ قىمار شىشخال(دىڭ-دىڭ)ئوينىغان، جاۋابكار ئو**ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىدىن 3000(ئۈچ مىڭ)يۈەن چوتو يىققان، ئۈچ قېتىملىق قىمار سورىنىدىن 9000(توققۇز مىڭ) يۈەن چوتو يىققان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىنىڭ ئومۇمىي دەسمايىسى تەخمىنەن9000(توققۇز مىڭ)يۈەندىن ئۈچ قېتىملىق قىمارنىڭ ئۇمۇمى دەسمايىسى 27000(يىگىرمە يەتتە مىڭ) يۈەن بولغان، قىمار سورۇندىكى قىمار ئويناشقا ئىشلىتىلگەن ئۆي، قىمار سايمىنى، يىمەك-ئىچمەكنى جاۋابكار ك** تەمىنلىگەن، جاۋابكار ئو** قىمار سورۇنى تۈگىگەندىن كېيىن جاۋابكار ك**غا ئۆي پۇلى ئۈچۈن300(ئۈچ يۈز)يۈەن بەرگەن.                                                                                                                   

2.ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش  جىنايىتى:

    1)2011-يىلى3-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكار ئو** بىلەن ق** ئىككىسى **شەھىرىگە قىمار ئوينىغىلى بارغان، قىمار سورۇنىدا ق**نىڭ پۇلى تۈگەپ كېتىپ جاۋابكار ئو**تىن30000(ئوتتۇز مىڭ)يۈەن قەرىز ئالغان، ق**قەرىز ئالغان پۇلنى جاۋابكار ئو**كە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇپ بېرەلمىگەن، جاۋابكار ئو** ** ناھىيە **بازىرى د**غا ق**نى ئىزدەپ بېرىپ قەرىزنى سۈيلىگەن، ق**ئۆزىدە پۇل يوقلىقىنى ئېيىتقاندىن كېيىن، جاۋابكار ئو** رېستۇراننىڭ چوڭ زالىدا ق**نى ئۇرغان.                                                             

   2) 2014-يىلى11-ئاي ئەتراپىدا ھ** جاۋابكار ئو**نىڭ قىمارخانىسدا قىمار ئويناپ1000(مىڭ)يۈەن قەرىز بولۇپ قالغان، قەرىز پۇلنى بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرالمىغان، ئارىدىن10كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جاۋابكار ئو** ق**نى ھې**دىن قەرىزنى سۈيلەشكە ئەۋەتكەن، جاۋابكار ق** ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ قەرىزنى قاچان قايتۇرىسەن دەپ ھې**نىڭ كانىيىنى سىقىپ، مۇشت بىلەن ئۇرغان، ھې**مۇ ق**نى  ئۇرغان، بۇ ۋاقىتتا جاۋابكار ئو**كىرىپ قېلىپ، ق**نى تارتىپ ئايرىۋىلىپ، ھى**نى بىر شاپىلاق ئۇرغان.           

3) 2014-يىلى11-ئاي ئەتراپىدا جاۋابكار ئو** ** ناھىيە ** بازىرى سىچاڭنىڭ ئىچىدىكى قەرتخانىدا س** بىلەن بىللە قىمار ئوينىغان، شۇ ۋاقىتتا س** ئو**نىڭ پۇلىنى ئۇتىۋالغاندىن كېيىن، جاۋابكار ئو** س**غا«ماڭا قەرىز بولغان1500(بىر مىڭ بەش يۈز)يۈەن پۇلنى قايتۇرمامسەن، سەن پۇلنى قايتۇرماي تۇرۇپ، يەنە نىمىشقا مەندىن ئۇتقان پۇلنى ئالىسەن»دېگەن، س**جاۋابكار ئو**كە«مەن قەرىزنى ق**دىن ئالغان، مەن قايتۇرسام ق**غا قايتۇرىمەن، ساڭا قايتۇرمايمەن» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ئو** شاپىلاق بىلەن س**نىڭ يۈزىگە بىر نەچچىنى ئۇرۇپ، ئىشىكنىڭ ئارقىدىكى پول سۈرتكۈچ(توبا)نىڭ كالتىكى بىلەن س**نىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇپ، س**نىڭ قولىدىكى700(يەتتە يۈز)يۈەن پۇلنى تارتىۋالغان.                       

    4) جاۋابكار ئو** 2014-يىلى12-ئاي مەزگىلىدە **ناھىيە ** بازىرى دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى ئىككىنجى قەۋەتتىكى قىمارخانىسىدا س**دىن 1000(مىڭ)يۈەن قەرىزنى سۈيلەپ ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇرغان.                            

     يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش -ئېنىقلاش ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئو**، ئى**، ق** پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، كۆپ قېتىم قىمارخانا ئېچىپ، باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ، چوتۇ پۇلى يىغىپ قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن، جاۋابكار ك** باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆيىدە قىمارخانىدا ئېچىپ، ئۆي پۇلى ئېلىپ قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئىرىشىپ قىمارخانا ئېچىشقا ياردەملەشكەن، يۇقارقى تۆت نەپەر جاۋابكارلارنىڭ قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 303-مادىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئو** قىمارخانا ئېچىش جەريانىدا قىمار ئوينىغۇچىلارغا قىمار قەرزى تارقاتقان، قەرزنى قايتۇرالمىسا كۆپ قېتىم تىللاش، ئۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ قەرزنى سۈيلىگەن، قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 293-مادىسىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

جاۋابكارئو** بىر قانچە خىل جىنايەتنى سادىر قىلغان بولغاچقا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 69-ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىلىدۇ.

جاۋابكارلار بىرلىشىپ دىلو سادىر قىلغان بولۇپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 25-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئورتاق جىنايەتچىگە تەۋە. شۇڭا جاۋابكار ئو**، ئى**، ق**، ك**لارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

                                  ھۆرمەت بىلەن :

                      

                 خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                                        تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى

                                   2019-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنى

قوشۇمچە:

1) جاۋابكار ئو**، ئى**، ق**، ك** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2) ج خ تەھقىقلەش ئارخىپى تۆت توپلام، نۇر دىسكا بىر دانە.

3) ئەيىبنامە 23نۇسخا.

4)  جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى تۆت نۇسخا. 

5)ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى تۆت نۇسخا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top