乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕108号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) 108-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مXX، ئايال، ئۇيغۇر، XX19-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX65292719، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا-X كەنىت X-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرشلۇق، مەخسۇس كۇرىس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك XX ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانلانغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۈتتۇق. جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار مXX قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە 2019-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، ئۈزىنىڭ XX نومۇرلۇق ئۈندىدار دوسىتلار چەمبىرىكىگە «ئالى مەكتەپ چاقىرىقى ھەل قىلىپ بىرىمىز» دىگەن مەزمۇندىكى ساختا ئېلاننى چىقارغان بۇلۇپ، زىيانلانغۇچى مXXنىڭ ساۋاقدىشى ئەXX يۇقارقى ئىلاننى باشقىلاردىن ئاڭلاپ، زىيانلانغۇچى مXXغا جاۋابكار مXXنىڭ ئۈندىدار نومۇرنى دەپ بەرگەن. زىيانلانغۇچى م» XXئالى مەكتەپ چاقىرقى ھەل قىلغۇرۇش» مەقسىتىدە جاۋابكار مXXنى ئۈزىنىڭ ئۈندىدار دوست قاتارىغا كىرگۈزگەندىن كىيىن، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكار مXXنىڭXX نومۇرلۇق ئۈندىدارىغا 10000.00 (ئون مىڭ) يۇەن پۇلنى قىزىل بولاق شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن، ئاندىن زىيانلانغۇچى ن XX بىلەن ن XXگە جاۋابكار مXXنىڭ چاقىرىق ھەل قىلالايدىغانلىغىنى دىگەن، شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى ن XXبىلەن نXX ئىككىسى جاۋابكار مXXنى ئۈندىدار دۇسىت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مXXنىڭXX نومۇرلۇق ئۈندىدارغا ئايرىم-ئايرىم 11000.00 (ئون بىر مىڭ) يۈەندىن جەمئى 22000.00 (يىگىرمە ئىككى مىڭ) يۈەن پۇلنى قىزىل بولاق شەكلىدە ئېتىپ بەرگەن. جاۋابكار مXX زىيانلانغۇچىلاردىن قىزىل بولاق ئارقىلىق پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۈزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن ھەم دېلو پاش بۇلۇشتىن بۇرۇن زىيانلانغۇچى مXXغا 10000.00 (ئون مىڭ) يۈەننى، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى نXX بىلەن نXXكە 22000.00 (يىگىرمە ئىككى مىڭ) يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئىلىكتۇرۇنلۇق ماددى ئىسپات تەكشۈرۈش خاتىرسى ۋە ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
دېلونىڭ پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راسىت ھەم تولۇق.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXXنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلىمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت
مۇۋەققەت تەپتىش: ياقۇپجان ئىمام
2020يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نومۇرى 131XXXXXXXX
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسدىىن بىر نۇسقا يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论