温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕154号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020) 154 -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار رXX ، ئەر ، ئۇيغۇر، XX19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6529221999، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، XXXX ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-مەھەللە XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلق، ئىلگىرى جازالانمىغان .خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىس تەرىپىدىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۇنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار رXX 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۇنى، سائەت 01:10مىنۇتلار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ، XXXX 新N نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى غەرىپتىن شەرىق يۆنىلىشتە ھەيدەپ ،Z620-لىنىيە 31- كىلومىتىرلىق 600 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە موتوسىكىلىت كونتىروللىقىنى يۇقۇتۇپ ئۆرۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە رXX زەخمىلەنگەن، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان، يول قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان،مەزكۇر قاتناش ھادىسىسدە جاۋابكار رXXگە بارلىق جاۋابكارلىق بىكىتىلگەن.
ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە ،جاۋاپكار رXXنىڭ قان تەركىبىدە 100ml/164.7mg ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان..
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رXXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار رXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار رXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: نىجات ئەسقەر
پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى. (2) جاۋابكار رXX ھازىرئائىلىسىدە، تېلفۇن نۇمۇرى 155XXXXXXXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论