温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕69号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2019 )69-نومۇرلۇق
جاۋابكار خە XX، ئايال، 1971-يىلى XX–ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221971، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەللە XX-نوموردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
زىيانلانغۇچى سە XX، ئەر، ئۇيغۇر، 1944-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، XX ناھىيە XX بازار XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە ئۈلۈپ كەتكەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار خە XX نى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ زىيانلانغۇچىنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادوۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، زىيانلانغۇچىغا دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريىتىنى ئۇقتۇردۇق، بارلق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار خە XX 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 20 دىن 20 مىنۇت ئەتىراپىدا، 新电nm XXXX نومۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ شەرىقتىن غەرىپ يۆلنىشدە يول يۈرۈپ ئونسۇ ناھىيە ئارال بازىرى شاختۇر كەنىت 2-مەللە ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆنلىشتە ئالدى تەرەپتە پىيادە يول يۈرۋاتقان زىيانلانغۇچى سە XX نى سۇقىۋەتكەن نەتىجىدە زىيانلانغۇچى سە XX زەخمىلنىپ ئۆلۈپ كەتكەن، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان، يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى پەن تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ (2019) 221-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە زىيانلانغۇچى سە XX سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە باش قىسىمى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كەتكەن دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2018)221810037-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسسى ئېتىراپنامىسىدە جاۋابكار خە XX گە بارلىق جاۋابكارلىق بىكىتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار خە XX زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتە كىلىشىم ھاسىل قىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار خە XX نىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھادىسە سادىر قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جەمئيەتنىڭ ئامانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. جاۋابكار خە XX نىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاپ يىنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار خە XX نى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مۆيدىن ئىبراھىم
پۈتۈكچى: ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، «جىايىتنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش» تىلخېتى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار خە XX ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论