ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)10–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار بە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى**- ئاينىڭ **-كۈنى ** تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501041983، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** رايۇنى **يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:**رايونى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن 4 ئاي15كۇنلۇك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 1000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر سايۋاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 1000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن 1000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان. 2019 -يىلى 9-ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش شۆبىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ 15كۈن توختىتىپ قويۇش ۋە 2يىل مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. 2019-يىلى 11- ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. جاۋابكار كىسەل سەۋەبىدىن قاماقخانىغا قوبۇل قىلىنمىغاچقا 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار بە**نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 18-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار بە** 2019-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت 21:30لەر ئەتراپىدا ** شەھىرى ** رايونى**يولى**شىركىتى ئالدىدىكى چوڭ يولنىڭ بويىدا باشقىلارغا 2بولاق زەھەرلىك چىكىملىك خىروئىننى 300يۇەنگە ساتقان نەق مەيداندا تۇتۇلغان،تۇتۇلغاندىن كېيىن يېنىدىن 2بولاق خىروئىننى ئاختۇرۇپ تاپتۇق.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇم باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]233-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىداجىنايەت گۇماندارى بە** ساتقان 2بولاق خىروئىننىڭ تەركىۋىدە خىروئىن تەركىۋى بولۇپ ئېغىرلىقى0.1گىرام ،يېنىدىن چىققان 2بولاق خىروئىننىڭ تەركىۋىدە خىروئىن تەركىۋى بولۇپ ئېغىرلىقى 0.13گىرام دەپ باھالاپ بىكىتكەن.
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى **رايۇنى ** يولى ** شىركىتى ئاممىۋى قاتناش بىكىتى يېنىدا باشقىلارغا زەھەر ساتقان نەق مەيداندا ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار بە**ىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ۋاڭ ** گۇۋاھلىق سۆزى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار بە** تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار بە**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددىسى ۋە 356-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەجىنايى جازا بېرىشىڭىزلەر ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 1–ئاينىڭ 10-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار بە** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە:
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论