欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(吾某某盗窃一案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

 

   كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسى

                                  

                        ك ش ت ج ئەيىبلەش (2019)170-نۇمۇرلۇق     

    جاۋاپكار ئوXX،ئەر،1984-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان كىملىك نۇمۇرى:XXXXXX6528011984،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانغان.نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر XX يېزا XX كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر XX يېزا XX كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر.2019-يىلى8-ئاينىڭ 21-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 

    قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت :0016لەر ئەتىراپىدا،جاۋاپكار ئوXX ئۆزى يالغۇز كورلا شەھەر XX بازار XX لىنىيىسىدىكى ياXXنىڭ ھويلىسغا كېلىپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ ھويلىغا ۋاقتىنچە قۇيۇپ قويغان تۆمۇر ئۆيىنى ئوغۇرلىماقچى بۇلۇپ،ئەتراپنى كۆزىتىپ،قولۇپنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان قۇلۇپ ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن،باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئاچقۇچنى دەرۋازىنىڭ سىرتىدىكى تاشنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇپ،قۇلۇپنى تاقاپ،تۆمۇر ئۆينى ئالدىغان ئادەملەر كەلگەن ۋاقىتتا تاشنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويغان ئاچقۇچ بىلەن ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ،بۇ تۈمۈر ئۆي مىنىڭ دەپ جىياڭ لېي يۇەنگە 2800يۇەنگە سېتىپ پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۇگەتكەن.شۇ كۈنى كەچتە جىXX بۇ تۆمۈر ئۆينى يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

كورلا شەھەرلىك باھا بىكىتىش مەركىزىنىڭ (2019) XXX نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە:ئوغۇرلانغان بىر دانە تۈمۈر ئۆينىڭ 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۇنىدىكى قىممىتىنى 7000يۇەن دەپ باھالىغان. 

2.2019-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 16:00لەر ئەتىراپىدا،جاۋاپكار ئوXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە،كورلا شەھەر XX يېزا XX كەنىت 2-گۇرۇپتىكى مەXXنىڭ قوتىنىغا بېرىپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى موXXنىڭ مەXXغا ئارىيەت بىرىپ تۇرغان دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشقا ئىشلىتىدىغان قەلەي تۈڭى چېتىقلىق كىچىك تىپتىكى تىراكتۇرنى ئوغۇرلاپ،ئۆزى ھەيدەپ چىقىپ،كورلا شەھەر XX بازار XX لىنىيىسىدىكى كونا تۈمۈر يىغىش ئورنىغا ئاپىرىپ، لى XXغا 2200يۇەنگە سېتىۋەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زاڭ مال يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلگەن.

كورلا شەھەرلىك باھا بىكىتىش مەركىزىنىڭ (2019) XX نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە: ئوغۇرلانغان بىر دانە تىراكتۇرنىڭ قىممىتىنى 952يۇەن دەپ باھالىغان،بىردانە دورا چاچىدىغان چوڭ تۇڭنىڭ قىممىتىنى 476يۇەن دەپ باھالىغان.ئومۇمى قىممىتى:1428يۇەن.

جاۋابكارلارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:يازما ئىسپات،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى،نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۇرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار ئوXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ :جاۋابكار ئوXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ،ئۆزى يالغۇز ئىككى قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ،باشقىلارنىڭ 8428يۇەن قىممىتىدىكى مال–مۈلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ.جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋابكار ئوXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.  

ھۆرمەت بىلەن : 

                             كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە       

 

                               تەپتىش:ھاۋاگۇل توختى

                                  2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى     

ئەسكەرتىش : 

 (1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2توپلام،10 نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى . 

(2) جاۋاپكار ئوXX كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top