欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(吾某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕161号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                 ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)  161-نۇمۇرلۇق  

     جاۋاپكار ئوXX، ئەر ، ئۇيغۇر، XX19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXX6529221979، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، شىنجاڭ XXXX ناھىيە XX يېزىسى XX كەنت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان . خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن   2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۇنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 

     ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئوXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن  كىيىن  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغاندا  كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى  ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

    قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

    جاۋاپكار  ئوXX 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى سائەت 18:30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەس ھەلەتتە،  پىراۋىسىز ، رەسمىيتىى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ غەرىپتىن شەرىققە يۆنىلىشتە يول يۇرۇپ  XXXX ناھىيە XX يېزاXXكەنىت XX-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە موتوسىكىلىت كونتىروللىقىنى يوقىتىپ ئۆرۇلۇپ كەتكەن ، نەتىجىدە  جاۋاپكار ئوXXيارلانغان، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان. مەزكۇر ھادىسىدە جاۋاپكار ئوXXگە  بارلىق جاۋاپكارلىق بىكىتىلگەن.

    ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ  قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە، جاۋاپكار ئوXXنىڭ  قان تەركىبىدە 100ml/267mg ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان. 

    يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچنىڭ بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئوXXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

   جاۋاپكار ئوXXنىڭ  جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار ئوXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

       ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                           تەپتىش: نىجات ئەسقەر             

                                         پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت   

                                       2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

     قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىرنۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى. (2) جاۋابكار  ئوXX ھازىرئائىلىسىدە، تېلفۇن نۇمۇرى 157XXXXXX

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top