欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(吾某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                           ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2019 )1448–نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار ئۆXX،ئەر،1985-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXX6528011985 ، ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھەر XX ئىشتاۋى XX يولى XX-قورو XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھەر XX-ئولتۇراق رايونىXX-بىناXX-كورپوسXX-نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان،2019-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

  كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئۆXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكار ئۆXX 2019-يىلى01-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 03:39 لەر ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新MXXXنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى  دۆلەت قۇرۇش شىمالى  يولىدا شىمالدىن- جەنۇپقا  قاراپ مېڭىپ، XX سارىيى ئالدى يول بۆلىگىگە كەلگەندە،شۇ يول بۆلىگىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ،نەق مەيداندا تۇتۇلغان،

شىنجاڭ XX ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) XX-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار ئۆXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا88.95مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان.

 جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:  يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئۆXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارئۆXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ئۆXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                           كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                                         تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى

گۈلبانۇم قادىر 

                                     2019-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top