欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(吐某某,艾某某等2人涉嫌开设赌场罪)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检公诉刑诉〔2019〕XX号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ         ئەيىبنامىسى

                                        ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) XX-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى XXXX، XX بازىرى XX يولى XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، شوپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قىمار سورىنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

جاۋابكار ھXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى XXXX، XX بازىرى XX يولى XX-كوچا XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قىمار سورىنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تXX، ھXXلارنىڭ قىمار سورىنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارلارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارلار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

      مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

 جاۋابكار تXX 2015-يىلى XX-ئايدىن XX-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا XX بازىرى كونا مىللى شىپاخانىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىXXنىڭ قەرت-شاخماتخانىسىدا ئايلقىغا 2000 يۈەندىن مائاش ئېلىپ 4 ئاي ئىشلىگەن، بۇ جەريانىدا ئىXX تەشكىللىگەن كۆپ قېتىملىق قىمار سورۇنىدا ساقچىلار تەكشۈرۈپ كېلىپ تۇتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزەتچىلىك قىلىپ ئىXXنىڭ 50000 يۈەن  قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشىشىگە ياردەملەشكەن.

 جاۋابكار ھXX 2012-يىلى XX-ئايدىن XX-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا XX بازىرى XX ئائىلىلىكلەر قوروسى ئاستىدىكى ئىXXنىڭ ئىجارە دۇكىنىدا ئىXX قىمار سورۇنى تەشكىللىگەندە، ھەرئايدا 1500 يۈەندىن مائاش ئېلىپ 5 ئاي ئىشلىگەن، بۇ جەريانىدا ئىXX تەشكىللىگەن كۆپ قېتىملىق قىمار سورۇنىدا ساقچىلار تەكشۈرۈپ كېلىپ تۇتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزەتچىلىك قىلىپ ئىXXنىڭ 8000 يۈەن قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشىشىگە ياردەملەشكەن.

جاۋابكار ھXX 2014-يىلى XX-ئايدىن XX-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارلىقتا XX بازىرى كونا مىللى شىپاخانىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىXXنىڭ قەرت-شاخماتخانىسىدا ئى قىمار سورۇنى تەشكىللىگەندە، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن مائاش ئېلىپ 4 ئاي ئىشلىگەن، جەرياندا ئىXX تەشكىللىگەن كۆپ قېتىملىق قىمار سورۇنىدا ساقچىلار تەكشۈرۈپ كېلىپ تۇتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزەتچىلىك قىلىپ ئىXXنىڭ 13000 يۈەن قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشىىشگە ياردەملەشكەن. جاۋابكار تXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى، جاۋابكار ھXX يۇقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تXX، ھXXلارنىڭ باشقىلارنىڭ قانۇنسىز قىمار سورۇنى ئويۇشتۇرغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۈزەتچىلىك قىلغان قىلمىشىدىن قىمار سورىنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكارلار دېلودا ياردەمچى رولىنى ئوينىغان ئەگەشكۈچى جىنايەتچى. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق. جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ تىنىچ، مۇقىم بولىشىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارلارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 303-ماددا 2-تارماق، 25-ماددا، 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۇل ئابدىسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2019-يىلى  12-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئىزاھات: (1) 15 نۇسخا ئەيىبنامە، ئىككى توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكارلار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومىرى: XXXX، XXXX

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top