欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(依某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕425号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ئى XX، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى XX -ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: XXXXXXXX 6529221988، دىھقان، ماسسا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، ئۇنسۇ ناھىيە XX بازار XX كەنت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق قۇرۇدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئۇنسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۇنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكارئى XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دېلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق. جاۋابكار دېلونى تىز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئى XX 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۇنى سائەت 23:45 ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالداN XXXXX  نۇمۇلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيىسى تۇمشۇق بازىرى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى قاراماي يولدا كېىتىپ بارغاندا، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

شىنجاڭ خۇۋاتوڭ ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە جاۋابكار ئى XX نىڭ قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى  mg/100ml174.84 دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئى XX نىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسماني بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

تەپتىش: پاتىگۈل ياسىن

پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت    

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى، بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتىنى تۇنۇپجازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

(2) جاۋابكار ئى XX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىشتېلىفۇن نومۇرى:  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top