欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(伊某某危险驾驶案)(公开版)流转/签发单_温宿县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕267号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                     ئو ت ئەيىبلەش (2020) 267-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ئې xx، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومىرى: xxxxxxxx6529221997، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، xx ناھىيە  xxفېرما xx كەنىت xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئې xx نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، دىلو تەكشۈرۈش داۋامىدا دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى دىلونى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق. ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دىلونى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇختۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئې xx 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 1 دىن 30 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز، نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازار 12-كەنىت 4-مەللە يول بۆلكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئوخشاش يۆنىلىشتە پىيادە يول يۈرىۋاتقان ئا xx، پا xx، ئە xx، گۈ  xx قاتارلىقلارنى سوقۇۋەتكەن. نەتىنجىدە ئا xx، پا xx، ئە xx قاتارلىقلار زەخمىلەنگەن. قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان، يول قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان. باھالاش ئارقىلىق ئا xx، پا xx قاتارلىقلارنىڭ زەخمىسى يىنىك زەخمە 1-دەرىجە دەپ باھالانغان، ئە xx نىڭ زەخمىسى يىنىك زەخمە 2-دەرىجە دەپ باھالانغان. قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئارقىلىق، جاۋابكار ئې xx نىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىبى بولسا mg/100ml 208.62 چىققان. ھادىسىدە جاۋابكار ئې xx كە بارلىق جاۋابكارلىق بېكىتىلگەن. جاۋابكار ئې xx زىيانلانغۇچى پا xx، ئە xx قاتارلىقلار بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ  تۈگەشكەن. زىيانلانغۇچى ئا xx نىڭ جىنايى ئىشلار ھەق تەلەپ ئەرزى بار.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئې xx نىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىنى شەكىللەندۈردۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

جاۋاپكار ئې xx نىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئې xx نى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                       تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                                        پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                                  2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئونسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top