欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(买某某涉嫌盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

 جاۋابكار مXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاXX ۋە قXX قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ئاXX بىلەن بىرگە زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللىدىكى ئۆيىگە كېلىپ ئارام ئېلىش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىكى پورتمالىدىن يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىنى ئۇغۇرلاپ ئىچىدىكى 3406 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگشلىك، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى XXXX

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top