كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2019 ) 1459 –نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار مەxx،ئەر، 1992-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6528011992،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە ،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx يىزا xx كەنىت x-گۇرۇپ xx-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx يىزا xx كەنىتx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار مەxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق،ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت00:20 لەر ئۆتكەندە،جاۋاپكار مەxxھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە新MRxxxx نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ،كورلا شەھەرxx يىزا xx-نۇمۇرلۇق خەلىققە قۇلايلىق ساقچخانىنىڭ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ xx ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) xxxx- نومۇرلۇق باھالاش دوكىلاتىدا جاۋاپكار مەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىۋىدە 214مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۇن چىقارغان.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار xxئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مەxxنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار مەxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ھاۋاگۇل توختى
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论