欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(买某某、乌某某等2人涉嫌非法猎捕、杀害珍贵、濒危野生动物案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-23 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕135号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)  -نومۇرلۇق    

     جاۋابكار  ئوXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529221987XXXXXXXX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،  دېھقان،  XX ناھىيە XX بازىرى XX-تۈەن XX مەيدان XX-لىيەن XX- ئەترەت XX-كۇرپۇس XX- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئەتىۋارلىق ، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ، ئۆلتۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2019-يىلى 12-يىلى ئاينىڭ 5-كۇنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللكە بېرىلگەن .

    جاۋابكار مەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX- يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529221969XXXXXXXX، ساۋاتسىز،  دېھقان،  XX ناھىيە XX بازىرى XX-تۈەن XX مەيدان XX-لىيەن XX- ئەترەت XX-كۇرپۇس XX- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان ، ئەتىۋارلىق ، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ، ئۆلتۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 12-يىلى ئاينىڭ 5-كۇنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللكە بېرىلگەن .

     ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،  جاۋابكار مەXX، ئوXX  قاتارلىقلارنى ئەتىۋارلىق ، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ، ئۆلتۇرۇش  جىنايتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن  جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغاندا  كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋابكار دىلونى ئاددەتتىكى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

      قانۇن بويىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئوXX، مەXX، ئەXX (قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن) قاتارلىقلار جاۋاپكار ئوXXنىڭ پىلانلىشى بىلەن جەرەن ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈپ يېيىشنى مەسلىھەتلىشىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئونسۇ ناھىيە شاخې بازىرى 5-تۈەن قارا يۇلغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى جاڭگاللىقتىكى ئىككى يەرگە تۈمۈردىن ياسالغان قاپقان قويغان، 2019-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكار ئوXX، مەXX، ئەXX قاتارلىقلار ئۆزلىرى قۇرغان قاپقانغا جەرەن چۈشكەن ياكى چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كېلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، جاۋابكار مەXX ئۆزىنىڭ 新HXXXX نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى مىنىپ قاپقان قويغان يەرگە ئالدىدا ماڭغاچ تۇرغان، جاۋابكار ئوXX بىلەن ئەXX جەرەننى بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، جاۋابكار ئوXXنىڭ ئۆيىدىن پىچاق ئېلىپ، جاۋابكار ئوXXنىڭ قارا رەڭلىك بىيادى ماركىلىق (新NXXXXX)نومۇرلۇق ماشىنىسدا مەXXگە يېتىشىپ، جاۋابكار ئوXX ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە بالىسىنى 5-تۈەندىن ئۆيگە ئاپىرىپ قويماقچى بۇلۇپ، ئەXXنى ماشىندىن چۈشۈرۈپ قۇيغاندىن كېيىن، ئەXX جاۋابكار ئوXXگە ‹‹ بىز قۇرغان قاپقانغا جەرەن چۈشكەن بولسا ئۆلتۈرۈپ سۇيۇپ بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سىلىگە تېلىفۇن قىلايلى ›› دىگەن شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ئوXX ئايالى ۋە بالىسنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇش ئۇچۇن قايتىپ كەتكەن، ئارقىدىن جاۋابكار مەXX بىلەن ئەXX ئىككىسى جاۋابكار مەXXنىڭ新HXXXX نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى مىنىپ، جاڭگالدىكى ئۆزلىرى قاپقان قويغان يەرگە بىرىپ ئۆزلىرى قويغان قاپقاننىڭ يوقلىقىنى، ئامما جەرەننىڭ قاپقاننى سۆرەپ ماڭغان ئىزنى كۆرۈپ، شۇ ئىزنى بويلاپ ماڭغاندىن كېيىن، باي ناھىيە ياقىرىق 21-نومۇرلۇق كۆۋرۈكنىڭ يېنىدىكى جاڭگالغا بېرىپ، جەرەننىڭ، بۆرىنىڭ ئىزىنى، جەرەننىڭ تۈكلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر نەرسىنىڭ سۆرۈلۈپ ماڭغان ئىزىنى بايقاپ شۇ ئىزنى بويلاپ مېڭىپ جەرەننىڭ كىچىك بىر پارچە تېرىسىنى ۋە ئۆزلىرى قويغان قاپقاننى، قاپقانغا قىسىلغان جەرەننىڭ بىرتال پۇتىنى تاپقاندىن كېيىن، قاپقانغا چۈشكەن بۇ جەرەننى بۆرە يەپ كېتىپتۇ دەپ پەرەز قىلىپ، قاپقاننى ئېلىپ دەريانى بويلاپ بىر قاقاسلىققا كېلىپ، قاپقاننى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، جاۋابكار مەXX بىلەن ئەXX ئەمدى يەنە بىر يەرگە قويغان قاپقانغا قاراپ باقايلى دەپ مەسلىھەتلىشىپ، قاپقان قويغان يەرگە بېرىپ، ئۇ قاپقانغىمۇ جەرەن چۈشكەنلىكىنى، جەرەننىڭ قاپقاننى سۆرەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، جەرەننىڭ قاپقاننى سۆرەپ ماڭغان ئىزى بويىچە ئىز قوغلاپ مېڭىپ، جەرەننى تاپقاندىن كېيىن، جەرەننى تۇتۇپ، جاۋابكار ئوXXنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن پىچاق بىلەن جەرەننى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ سويۇپ، جەرەننىڭ بېشى، تىرىسى، ئىچكى ئەزالىرىنى تاشلىۋىتىپ، جەرەننىڭ گۆشىنى جاۋابكار مەXXنىڭ (新HXXXX) نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا تاڭغاندىن كېيىن، ئەXX(قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن) جاۋابكار ئوXXغا تېلىفۇن قىلىپ، ‹‹جەرەننى بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ سۇيۇپ بولدۇق ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىڭلار ›› دىگەن، جاۋابكار ئوXX ئۆزىنىڭ قارا رەڭلىك (新NXXXXX) نورمۇرلۇق بىيادى ماركىلىق ماشىنسىنى ھەيدەپ، قارا يولغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى تاشيولنى بويلاپ مېڭىپ، جاڭگالغا يېقىن يەردىكى يېقىن يول ئېغىزىغا كېلىپ، ئەXXغا تېلىفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى دىگەن، جاۋابكار مەXX بىلەن ئەXX جاۋاپكار مەXXنىڭ (新HXXXX) نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتوسىكىلىتىغا مىنىپ جاڭگالدىن چىقىپ، بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ سويغان جەرەننىڭ گۆشىنى جاۋابكار ئوXXنىڭ قارا رەڭلىك(新NXXXXX) نومۇرلۇق بىيادى ماركىلىق ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساقدۇقىغا سالغاندىن كېيىن، ئەXX‹‹ مەن ئالدىڭلاردا مېڭىپ، يولدا ساقچىلار بارمۇ-يوق قاراپ باقاي›› دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا جاۋابكار مەXXنىڭ (新HXXXX) نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ كەتكەن، جاۋابكار ئوXX، مەXX ئىككەيلەن جاۋابكار ئوXXنىڭ قارا رەڭلىك(新NXXXXX) نومۇرلۇق بىيادى ماركىلىق ماشىنىسىدا ئالدىرماي مېڭىپ، 314-دۆلەت تاشيولى 228 كېلومىتىرنىڭ 100مېتىرلىق ئورۇندىكى يولنى تۇسۇپ توغرىسىغا توپا دۈۋىلەپ قويغان يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەXXنىڭ شۇ يەردىكى توپا دۆۋىسىنىڭ يېنىدا موتودىن يىقىلىپ چۈشۈپ قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، جاۋابكار ئوXX ، مەXX ئىككەيلەن ئەXXنى جاۋابكار ئوXXنىڭ ماشىنىسىدا 1- دىۋىزىيە 5 –تۆەن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان،   ئەXX دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن، ئەXXنىڭ قاتناش ھادىىسسى سادىر قىلىش دىلوسىنى تەكشۇرۇش جەريانىدا جاۋابكار ئوXX ، مەXX قاتارلىقلارنىڭ  ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش،  ئۆلتۇرۇش جىنايى قىلمىشى بايقالغان. 

   ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ جەسەت تەكشۇرۇش يەكۇنىدە ئەXXنىڭ ئۆلۇم سەۋەبىنى تاشقى كۇچىنىڭ تەسىرىدە باش قىسمى ئېغىر زەخمىلىنىش سەۋەپلىك ئۆلگەن دەپ باھالاش يەكۇنى چىقارغان، شىنجاڭ خۇتۇڭ قاتناش ھادىسىىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزنىڭ ماددى ئىسپاتنى ئەدىليىلىك باھالاش يەكۇنىدە مەزكۇر ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئەXX ھەيدىگەن ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى باشقا قاتناش ۋاستىسى بىلەن سوقۇلغان ، تىگىشكەن ئەھۋاللار يوق دەپ باھالاش يەكۇنى چىقرىلغان بولۇپ مەزكۇر ھادىسىدە ئەXXغا بارلىق جاۋابكارلىق بىكىتلگەن. 

    جاۋابكار ئوXX ، مەXX، ئەXX(قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن) قاتارلىقلار قانۇنسىز ئوۋلىغان ئىككى ياۋايى ھايۋانغا قارىتا ئەدىليىلىك باھالاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەدىليىلىك باھالاش يەكۇنىدە  قانۇنسىز ئوۋلانغان ئىككى ياۋايى ھايۋان بولسا سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى ئاچا تۇياقلىقلار ئەتىرىتى كالا ئائىلىسىدىكى جەرەن گۇرۇپپىسغا تەۋە ، دۆلەت 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇياق  مۇكەممەل بولۇپ، دىلوغا چېتىشلىق قىمىتىنى 25000 يۈەن دەپ باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان. 

    يۇقارقى پاكىتلارنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، جاۋابكارلارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىقلار دەلىل –ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

    يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.                                                                 

     مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئوXX، مەXX قاتارلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نوقتىلىق قوغدايدىغان، ئەتىۋارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان جەرەننى قانۇنسىز ئوۋلىغان  قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341-ماددا1-تارماق بەلگۈلمىسىگە  خىلاپ بولۇپ  قىلمىشىدىن  ئەتىۋارلىق ، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ، ئۆلتۇرۇش جىنايىتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست. قانۇن بۇيىچە  جاۋابكار مەXX، ئوXXقاتارلىقلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341-ماددا 1-تارماقىدا « دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۇرگەنلەرگە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ،تۇشۇغان ۋە ساتقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاىسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلش جازاىسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە شتراف قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلىدىن يۇقىرى مۇدەتلىك قاماق جازاىسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە شتراف قويۇلىدۇ ياكى مال-مۇلكى مۇسادىر قىلىنىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن

     جاۋابكار  مەXX، ئوXX قاتارلىقلارنىڭ  جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، ئەيىپلەش باسقۇچىدا مەھكىمىمىز بىلەن جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل-خېتى ئىمزالىغان، شۇڭا جاۋابكارلارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق ، 72-ماددا بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىت ۋە ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى ھەقىقى تۇردە قوغداش ئۇچۇن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار مەXX، ئوXX  قاتارلىقلارنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

  ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   تەپتىش: نىجات ئەسقەر

    پۇتۈكچى :شىرزات نۇرمەممەت  

2020 -يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 13 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،2 نۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى ،   دىلوغا چېتىشلىق ماددى بۇيۇملاردىن  ئاپتومۇبىل، ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىت، پىچاق، تۇمۇر قاپقان ، پۇتۇن بىر تۇياق جەرەن گۆشى ، تېرىسى، بېشى، قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top