توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1- بولۇم ئەيىپلەش [2020] 245-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئى**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2033********652123 باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: ئىشسىز، سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپوسقا ئېلىنغان جايى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازار ** كەنت *-گۇرۇپپا ***-نۇمۇر؛ ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى *-رايون *-بىنا *-كورپوس ***-ئۆي، 2003-يىلى 6-ئايدا ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن، كورلا تۆمۈر يول تىرانسىپورت سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
جاۋاپكار ئى** زەھەرلىك چېكىملىك (نەشە) ياساش، سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئى**نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ( نەشە ) ياساش، سېتىش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى
2020يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، جاۋاپكار ئى**،ئۈرۈمچى شەھەر ئۇلانباي ئەتراپىدىكى سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا، ئەتراپتىكى ياۋا كەندىر ئۈسۈملۈكىدىن پايدىلىنىپ زەھەرلىك چېكىملىك (نەشە) ياساپ چېكىش مەقسىتىدە، كەندىر ئۆسۈملۈكىنىڭ يۇپۇرمىقىنى قۇرۇتۇپ، رەخت پارچىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، 25 گىرام ئەتراپىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك (نەشە)نى ياساپ، **ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى *-رايون *-بىنا*-كورپوس ***-ئۆيىدە چەككەن. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى جاۋاپكار ئى** پۇل تېپىش مەقسىتىدە، ئۆزى چىكىۋاتقان ئىككى بولاق ساپ ئېغىرلىقى6گرام زەھەرلىك چېكىملىك(نەشە)نى ** ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى *-رايون **-بىنا *-كورپوس ***-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق م** (ئايرىم دىلودا بىرتەرەپ قىلىندى)گە 200يۈەنگە سېتىپ بەرگەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋاپكار ئى**دىن ئىككى بولاق ساپ ئېغىرلىقى 10گىرام بولغان زەھەرلىك چېكىملىك( نەشە)تۇتۇپ قېلىندى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات؛
2.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
4.تۇتۇپ قالغان بۇيۇملار ( نەشە)؛
5.تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلەر؛
6.تۇرپان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش دۆكىلاتى؛
7.نەق مەيدان تەكشۈرۈش دوكىلاتى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئى** شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئى**نىڭ يۇقارقى قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 347–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار ئى**نى زەھەرلىك چېكىملىك ( نەشە) ياساش، سېتىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك.
شۇڭا،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسى، 214-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش:رەيھانگۈل كىرەم
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
قۇشۇمچە:
1.جاۋاپكار ئى** ھازىر توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
2.دىلو ج خ توپلىمى ئىككى توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论