欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(西某某贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىخو شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسى

ش ش ت (2021) چىقىش19–نومۇرلۇق

     جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 654**، ئوتتۇرا تىخنكوم ئوقۇغان، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىخو شەھىرى ** ساقچىخانىسىدا، ھازىر ** ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،  ** ئامانلىق قوغدىغۇچىسى، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.

    جاۋابكار ئا**  2020- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۇنى شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن زەھەرلىك چىكىملىك سىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئشلار بويىچە توختۇتۇلىپ،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپدىن قولغا ئېلىنغان.

شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونىڭ تەھقىقلەشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ئا** زەھەرلىك چىكىملىك سىتىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ،2020–يىلى 12–ئاينىڭ29–كۈنى مەھكىمىمىزگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۇنى جاۋابكارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى يەتكۈزدۇق،2021-يىلى 01-ئاينىڭ 20–كۇنى دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا يەڭگىللىك بىرىش تۈزۈمى ۋە جىنايتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسىنى يەتكۇزدۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ،شۇنداقلا دېلو ماتىرياللىرىنى ئومۇميۇزلۇك تەكشۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق جاۋابكار ئا** جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك تۇراقلاندۇردۇق:

1.2020-يىلى3-ئاينىڭ بىشىدا ئا** شىخۇ شەھەرلىك ** ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنى<<**>> خام تائام دۇكىنى ئىچىدە، 50گىرام ئەتراپىدىكى زەھەرلىك چىكىملىك نىشىنى 1000يۇەن نەق پۇلغا ئا** سىتىپ بەرگەن .

2.2020-يىلى7-ئاينىڭ 15-كۇنى ئا** شىخۇ شەھەرلىك ** ئائىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنى «**» خام تائام دۇكىنى ئىچىدە،50گىرام ئەتراپىدىكى زەھەرلىك چىكىملىك نىشىنى 1000يۇەن پۇلغا ئا** سىتىپ بەرگەن 

3.2020-يىلى9-ئاينىڭ 8-كۇنى،جاۋابكار ئا** ** ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنى «** »خام تائام دۇكىنى ئىچىدە، 90گىرام ئەتراپىدىكى زەھەرلىك چىكىملىك نىشىنى 1500يۇەن پۇلغا ئا** سىتىپ بەرگەن.

4.2020-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۇنى ، جاۋابكار ئا** قاراماي شەھەرلىك مايتاغ رايۇنلۇق **ئاشخانسى ئىشكى ئالدىدا، 60گىرام ئەتراپىدىكى زەھەرلىك چىكىملىك نىشىنى ئا** 1000يۇەنگە  سىتىپ بەرگەن.

5.2020-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۇنى ، جاۋابكار ئا** قاراماي شەھەرلىك  مايتاغ رايۇنلۇق ** ئىشكى ئالدىدا، 50گىرام ئەتراپىدىكى زەھەرلىك چىكىملىك نىشىنى ئە**800 يۇەن پۇلغا سىتىپ بەرگەن.

    ئۇرۇمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارسى زەھەر تەكشۇرۇش مەركىزىنىڭ (2020)284-نۇمۇرلۇق تەكشۇرۇش دوكىلاتىدا: يىغۋىلىنغان سېرىق رەڭلىك ئىككى بولاق نەرسنىڭ تەركىبدە نەشە بارلىقى ئىنىقلانغان.

يۇقارقى جىنايەت پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،زەھەر تەكشۇرۇش دوكىلاتى ،تۇنۇتۇش خاتىرسى ۋە رەسملىرى قاتارلىق دەللىل –ئسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

    جاۋابكار ئا** جىنايتىنى تونۇپ ، جازانى قۇبۇل قىلغان  ھەمدە دىلونى تېز بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان .

    مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ : جاۋابكار ئا** دۆلەت قانۇننى كۆزگە ئىلماي، نەشىنىڭ دۆلەت تەرىپدىن چەكلەنگەن زەھەرلىك چېكملىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ،باشقىلارغا سېتپ پايدا كۆرگەن ھەرىكتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا بەلگلىمىسگە خىلاپ بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ –سېتش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن؛ دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئسپاتى تولۇق. شۇڭا جاۋابكار ئا** جىنايى جاۋابكارلىقنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا بەلگلىمىسى بۇيىچە سۈرۈشتۇرۇشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176–ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە سوتىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇھەببەت خەمىت

2021-يىلى 01–ئاينىڭ 21–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار  شىخۇ شەھەرلىك ج  خ ئىدارسى قاماقخانسىدا قاماقلىق.

2.دىلۇ ماتىريالى  2توپلام ،قاماش رەسميىتى 1پارچە، ئەيىپلەشنامە  8 پارچە،جازا ئۆلچەش پىكىرنامسى 1پارچىدىن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top