欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(萨某某盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕731号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبنامە (2020) 731-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار س x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى x، قامىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 2 يىل 11 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.  

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار س xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار س x 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 6:00 ئەتراپىدا xبازىرى قاتناش ئولتۇراق رايۇنىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئۇxنىڭ xxنومۇرلۇق ماشىنىسىنىڭ دەرىزىسىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ماشىنىغا چىقىپ، شوپۇر ئورۇندۇقى بىلەن ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نەرسە كېرەك سالىدىغان ساندۇقنىڭ ئىچىدىن 10400 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلىۋالغان.  

جاۋابكار س x 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا ئەترىتىگە بېرىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، جىنايى قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلغان، زىيانلانغۇچىنىڭ پۇلىنى تولۇق تۆلەپ قايتۇرغان، ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. 

جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار س xنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلىپ، مۇددەتلىكتىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە قايتىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان، بۇ قېتىمقى جىنايىتىگە مۇددەتلىكتىن يۇقىرى جازا ھۈكۈم قىلىش ئېھتىمالى بار، جاۋابكار جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، جاۋابكارغا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددا، 67-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىش كېرەك، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جاۋابكارغا جىنايى قىلمىشىنىڭ ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

  تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ 

پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى 

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.   

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top