乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕331号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ساxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئايىنىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى xx چوڭ ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 7-ئايىنىڭ 19-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ساxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە جاۋابكار بىلەن بىلەن نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى ئاددىلاشتۇرۇپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ساxx 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرىxx-كەنىت xx-مەھەللەxx-نومۇرلۇق ئۆيىدە ئايالى يەنى زىيانلانغۇچى ماxx بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان ۋە شۇ جەرياندا زىيانلانغۇچى ماxx جاۋابكار ساxxنى «سەن بالا تاپالمايسەن، كۆت، ھېجىقىز» دەپ تىللىغاندا، جاۋابكار ساxx «ۋالاقشىماي ئولتۇرە ئاناڭنى قانجۇق، مېنىڭ بالام بولغان بولسا بۇرۇنقى ئايالىم بىلەن ئاجراشمايتىم» دەپ، ئۈزى ئىشلىتىۋاتقان قارا رەڭلىك كۇنۇپكىلىق يان تىلفۇننى، زىيانلانغۇچى ماxxغا قارىتىپ ئاتقاندا، يان تىلفۇن تامغا تىگىپ، تىلفۇننىڭ كەينىدىكى تۆمۈر قاپقىغى ئاجراپ چىققاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ماxxنىڭ سول كۆزىگە تىگىپ زەخمىلەنگەن.
قانۇن دوختۇرى زەخمە باھالاش پىكىرنامىسىدا: ماxxنىڭ سول كۈزىنىڭ زەخمە دەرجىسى ئىككىنجى دەرىجىلىك يېنىك زەخمە» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راست، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ساxx جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ساxxنىڭ باشقىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا قەستەن زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا بەرگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: گۈلجامال ئابدۇقادىر
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيەپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى، 3 پارچە DWD پىلاستىنكا سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلسىدە كىپىلدە. تىلفۇن xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
附件:
1.被告人现在处所(具体包括在押被告人的羁押场所或监视居住、取保候审的处所)
2.案卷材料和证据××册××页
3.《认罪认罚具结书》一份
4.《量刑建议书》一份(单独制作量刑建议书时移送)
5.有关涉案款物情况
6.被害人(单位)附带民事诉讼情况
7.其他需要附注的事
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论