欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(萨某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار سXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

     جاۋابكار سXX  2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى كەچ سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا ئاغىنلىرى بىلەن بىرگە يىغىلىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن ئايالى رXX ۋە ئىككى بالىسى بىلەن XX رايوندىكى XX كولۇبىغا كېلىپ ئاغىنلىرى مXX، ئەXX قاتارلىقلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قايتىپ چىقىپ، 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى 01:00 لەر ئەتراپىدا ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئۆزى ھاراق ئىچكەن كولۇبنىڭ قارشى تەرىپىدىكى XX خوگوخانىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى گۈللۈكنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان XX نومۇرلۇق بەش كىشىلىك ئائىلە ماشىنىسىنى تۈزلەپ توختۇتۇش ئۈچۈن ماشىنىنى ھەيدەپ ئىككى مېتىر ئەتراپىدا قوزغىتىپ تۈزلەپ توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشۈشىگە شۇ ئەتراپتا چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقالغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى «سXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان  تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارىنى 119.47 مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار سXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى، تېز كىسىم تەرتىپى بۇيىچە سوتلاشقا قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار سXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تەرتىپىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارنىڭ قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا يۇقارقى تەرەپلەرگە ئاساسەن جاۋاپكار سXXقا بىر ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 3000 يۈەن شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

             (2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: XXXX

           (3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top