شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2020) 416- نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXXX2536، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى XXبازىرى XXكەنىت X-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان يەرنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019) 06- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مXX 2018-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ھېچقانداق ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئالماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاقسۇ شەھەر XXبازار XXرايونىدا XXماركىلىق ، 210 تىپىلىق يەر ئۇيۇش ماشنىسى ئارقىلىق، ئېرىق كولاپ، قاش سالغان، XX ئورمانچىلىق ۋە XXئىدارىسىنىڭ XXمۇھاپىزەتچى خادىملىرى جاۋابكار مXXغا بىرىنچى قېتىم قانۇنسىز ئېچىلغان ئورۇننىڭ XXXXتەۋە يەرلىك XXئورمان يېرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن بولسىمۇ، جاۋابكار مXX XXمۇھاپىزەتچى خادىملارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماي، يەنە ھېچقانداق ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئالماي، بۇ ئورۇننىڭ XXشەھەرگە تەۋە XXئورمان يېرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مال-چارۋا بېقىش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن، قايتىدىن داۋاملىق يۇشۇرۇنچە ئېرىق كولاپ، قاش سېلىپ، قوغدىلىدىغان ئورمان يېرىنى قەستەن ۋايران قىلىپ، ئېھاتە ئورمان يېرىنىڭ ئىشلىتىش ئورنى، خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئورمان يېرىدىكى ئەسلى بار بولغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۆسۈش شارائىتىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 342-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكارنى دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان يەرنى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020-يىلى 4- ئاينىڭ 27-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论