乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕440号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىپنامە چىقىش (2020 440 -نۇمۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XX652927، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX بازىرى X-كەنت X-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار مXX 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 12:57 ئەتراپىدا XX بازىرى X-كەنت كومتىتىدىن XX بازىرى X-كەنت X-مەھەللىدىكى ئەXXننى كەنت كومتىتىغا چاقىرىپ كىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە بېرىپ، ئەXXنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان 1000 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە x x يان تېلىفۇننى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن.
جاۋابكار مXX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا XX بازىرى X-كەنىت كومىتىتىدا نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەندىن كېيىن، XX بازىرى X-كەنىت X-مەھەللىدىكى ئەXXنى ئىزدەپ ئۆيىگە كىرىپ، ئەXXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ياتاق ئۆيدىكى جوزىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان 150 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئاق رەڭلىك x x ماركىلىق يانتېلفۇننى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXXنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىغا خىلاپ بولغان، قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى، زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە،تېلفۇن نۇمۇرى XX:
(3) جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论