欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(茹某某诈骗案)_博乐市人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕41号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020)41-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ر** ،ئايال، ئۇيغۇر،19ياش،2000-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، مەدىنىيەت سەۋىيەسى: ئالىي مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، كەسىپى : ئۇقۇغۇچى ، ھازىر تۇرۇشلۇق ئادىرىسى : بورتالا شەھىرى **-نومۇر** ئائىلىلىكلەر قوروسى**-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر، سالاھيەت گۇۋاھنامىسى نومۇرى 6527012000********:،  بۇرۇن جازالانمىغان .  2019-يىلى 02-ئاينىڭ 03-كۈنى ئالدامچىلىق  جىنايىتى  گۇمانى بىلەن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچى كىپىلگە بىرىلگەن، 2020- يىلى 02- ئاينىڭ 04- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق كىپىلگە بېرىلگەن.    

مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 02-ئاينىڭ 03-كۈنى (2020) 17-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ر**نى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

1.جاۋاپكار ر** 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە توردا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەخسىتىدە ئۆزىنىڭ تېلفون نۇمۇرىدا يېڭىدىن ئۇندىدار نۇمۇر ئىلتىماس قىلىپ (ئۇندىدار نۇمۇرى: *****-kis)، بۇ ئۇندىدارنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە «پىڭ دو دو» تور سودا سۇپىسىدىن كىيىم كىچەكلەرنىڭ رەسىمى ۋە باھاسىنى كۆچۈرۈپ چىقارغان. خوتەن شەھىرى ** يېزا ** كەنتى **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن، جاۋاپكار ر**نىڭ‹*****-kis›ئۈندىدار نومۇردا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ئېلاننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ۋاكالەتچى مال ساتقۇچى بولۇشنى دېگەن ھەم 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** ئالدى-كەينى بولۇپ ، ئالتە قېتىمدا كىيىم – كىچەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن جەمىي 24230يۈەن پۇلنى جاۋاپكار  ر**نىڭ ئۈندىدارىغا ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۆتكەپ بەرگەن،2019-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى بىر قىسىم زاكاز قىلغان ماللار كەلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ماللارنى ئېچىپ كۆرگەندە ئىچىدە زاكاز ماللار ئەمەس، لەۋ سۇرۇقى بارلىقىنى كۆرۈپ، ماللارنى خاتا سېلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن دەپ، ئۈندىداردا جاۋاپكار ر**گە گەپ قىلىپ، ماللارنى خاتا سېلىپ قويغانلىقىنى باشتىن مال سېلىپ بېرىشنى دېگەن، بىراق جاۋاپكار ر** گەپ قايتۇرمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان.  

2. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۇنى ئاقسۇ شەھەر** يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇ** ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن، جاۋاپكار ر**نىڭ‹*****-kis›ئۈندىدار نومۇردا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ئېلاننى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن كىيىم سېتىۋالماقچى بولۇپ،2019-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنىدىن 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە،  ئالدى كەينى بولۇپ، تۆت قېتىمدا جەمىي970يۈئەن پۇلنى جاۋاپكار ر**نىڭ ئۈندىدارىغا، ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۆتكەپ بەرگەن، 2019-يىلى1-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇ** جاۋاپكار ر**نىڭ ئەۋەتىكەن ماللىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ماللارنى ئېچىپ كۆرگەندە ئىچىدە زاكاز ماللار ئەمەس،لەۋ سۇرۇقى بارلىقىنى كۆرۈپ، ماللارنى خاتا سېلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن دەپ، ئۈندىداردا جاۋاپكار ر**گە گەپ قىلىپ، ماللارنى خاتا سېلىپ قويغانلىقىنى باشتىن مال سېلىپ بېرىشنى دېگەن، بىراق جاۋاپكار ر** گەپ قايتۇرمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان.

3. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، قوبىقسار ناھىيە ** كەنتى مەدەنىيەت يولى**-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن جاۋاپكار ر**ئۆزىنىڭ‹*****-kis›ئۈندىدار نومۇردا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ئېلاننى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈندىدار ئىككىلىك كود ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈندىدارغا قوشۇپ،2019-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** كىيىم سېتىۋېلىش ئۈچۈن جاۋاپكار ر**نىڭ ئۈندىدارغا60يۈئەن پۇل يۆتكەپ بەرگەن،ئىككىنچى كۈنى جاۋاپكار ر** مال سالغان تالوننىڭ نومۇرنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ ئۈندىدارغا يوللاپ بەرگەن،2019-يىلى1-ئاينىڭ29-كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ماللارنى ئېچىپ كۆرگەندە زاكاز ماللار ئەمەس بىر دانە لەۋ سۇرۇخ بارلىقىنى كۆرۈپ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن.

جاۋاپكار ر** تور سودىسى قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۈچرىغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەرمىگەن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمى، ئادىرسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرغان. 

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ر**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە باشقىلارنىڭ 25260يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسىغا ئاساسەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

 

ھۆرمەت بىلەن

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

قوشۇمچە :

 1) جاۋاپكار كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.

1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top