شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 577 - نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار سXX ، ئايال ، ئۇيغۇر ، 24 ياش ، كىملىك نۇمۇرى : 652901XXXXXX0480 ، يۇرتى XXشەھىرى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: XXشەھەرXX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-ئۆي ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، يەككە تىجارەتچى ، ئىلگىرى جازالانمىغان .2020 –يىلى 06– ئاينىڭ 29-كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى (2020) 933-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 06 - ئاينىڭ 27-كۇنى 05:49 لەر ئەتىراپى XXشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە XXچوڭ ئەتىرتى ساقچىسى يXX XXشەھەر XXكىچىك بازىرى ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدا چارلاش ئېلى بېرىۋاتقاندا جاۋابكار سXX ، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان ئېXX ، دوسلىرى پXXقاتارلىقلار ھاراق ئىچىپ ئۆيگە قايتىش يولىدا جاۋابكار سXX بىلەن يولدىشى ئېXX ئىككىسى كىرا ماشنسىى تۇسالماي جاۋابكار سXX چارلاپ كېتىپ بارغان ساقچى ماشنىسنى توسقان ، ساقچىلار توختىغاندىن كىيىن جاۋابكار سXX ساقچىلارغا چارلاش ماشنىسىدا ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتقاندا چارلاش ساقچىسى يXX سىلەر ئۆزەڭلار ماشنا تۇسۇپ مېڭىڭلار ، بىز ئۆز رايۇنىمىزدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيمىز دىگەندىن كىيىن جاۋابكار سXX ، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان ئېXX ، پXX قاتارلىقلار ساقچىسى يXX ، ياردەمچى ساقچى تXX، تXX قاتارلىقلارنى سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ، جاۋابكار سXX چارلاش ساقچسى يXXنىىڭ يۇزىگە شاپلاق بىلەن بىرنى ، ياردەمچى ساقچى تXXنىڭ يۇزىگە شاپلاق بىلەن بىرنى ئۇرغان .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار سXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 277-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. شۇڭا جاۋابكارنى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020- يىلى 10- ئاينىڭ 21-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论