欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(芒某某交通肇事案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                   شايار ت ج ئە  (2020) 370-نۇمۇرلۇق    

جاۋابكار مxx، ئايال، ئۇيغۇر، xx19-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292419 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت x-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار مxxنىڭ جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 26-كۈنى ج خ چىقىش (2019) 361-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار مxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:00 لەر ئەتراپىدا، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گوروپىدىن شايار ناھىيە xx يېزىسىغا بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ  新N xxxxx نۇمۇرلۇق بەش كىشىلىك ئائىلە ماشىنىسىغا يولدىشى بxنى چىقىرىپ، ماشىننى جاۋابكار مx ھەيدەپ، قايلور يېزا قايلور كەنت 4-گورۇپ تەۋەسىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە پىيادە كېتىۋاتقان ياۋ xنى سۇقىۋەتكەندىن كىيىن، جاۋابكار مx يولدىشى بx ئارقىلىق 110 قوماندانلىق مەركىزگە دېلو مەلۇم قىلغان. بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسدە ياۋ xنىڭ باش سۆڭىكى زەخمىلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن، جاۋابكار مx ھادىسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتىنى ئۈستىگە ئالغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مxنىڭ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» غا خىلاپ يول يۈرۈپ، ھادىسە سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار مxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مx ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكار مxگە بىر يىلدىن يۇقىرى بىر يىل ئىككى ئايدىن تۆۋەن دائىردە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش توغىرسىدا تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top