شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 526-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئې XX ، ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529261992، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: باي ناھىيسى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەرXX يولىXXئولتۇراق رايونى XXبىنا XXكۇرپۇس XXنۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قاقتى سوقتى قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى (2020) 163-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئې - 2016 XX يىل- 7ئاي مەزگىلىدە ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىغان ئاXX شۇ مەزگىلدەXX كەنىت XX گۇرۇپنىڭ گۇرۇپ باشلىقى ) بىلەن بىللە XX يېزاXX كەنىت XX گۇرۇپتىكى ق XX نىڭ ئۆيىدە ئىجارە ئولتۇرۋاتقان زىيانلانغۇچى ئا ( XX ئەينى ۋاقىتتا ئايالى يامانلاپ كەتكەن ) ئىجارە ئولتۇرۋاتقان ئۆيگە تەكشۈرگىلى كىرىپ، ئا XX نىڭ بىر قىز بالىنى ئەكىرىپ بىللە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان ئاXX ,ئا XXنى :« سەن ئۆيدە يالغۇز تۇرىمەن دەپ قۇيۇپ ئۆيگە جالاپ ئەكىرىپ يېتىپسەن »دەپ تەھدىت سالغاندىن كىيىن جاۋابكار ئې,XX ئا XX بىلەن بىللە ئا XX نى كەنىت كومىتىتى ساقچى ئشخانىسىغا ياللاپ ئېلىپ چىقىپ « سىنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرسەم تۈرمىدە ياتىسەن » دەپ قورقۇتۇپ ، ئا XX دىن 3000 يۈەن پۇل ئېلىپ 2000 يۈەن پۇلنى جاۋابكار ئې XX ئېلۋالغان، 1000 يۈەن پۇلنى ئا XX ئېلۋالغان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئې XX نىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 274-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، قاقتى سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ئې XX نىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئې XX نى «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ئې XX ئائىلىسىدە كىپىلدە : ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : XXXX1590907، XXXX1377944.
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىبنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论