خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019) 493-نومۇرلۇق
جاۋابكار غ**،ئەر، ئۇيغۇر، دېھقان، 1970-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى******6528271970،باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسىپي دىھقان،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورون: شىنجاڭ ** ناھىيە **بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپ**-نۇمۇر،2019-يىل04-ئاينىڭ 04-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى :شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپ**-نۇمۇر،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكار غ**نىڭ دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش دىلوسى ئۈستىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگەتەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان ،بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمسسى 2019-يىلى8-ئاينىڭ7-كۈنى دىلونى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ،مەھكىممىز 2019-يىلى8-ئاينىڭ22-كۇنى دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 2019-يىلى 8–ئاينىڭ25-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى،بۇ ئارلىقتا 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى بىر قېتىم قېتىم ئۇزارتىلدى،2019-يىلى10–ئاينىڭ5-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى،جاۋابكار غ** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار غ** 2017-يىلى 9-ئاي مەزگىلىدە، ئۆز مەيلىچە ئورمان يېڭىلاشنى مەقسەت قىلىپ دەل-دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرمەي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپ تۇرالغۇ ئۈيىنىڭ شەرىق ۋە جەنۇپ تەرپىدىكى ئىھاتە ئورمىندىن 195تۈپ دەرەخنى ئۆزىنىڭ ماي ھەرىسى بىلەن كېسۋەتكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى (2017)**-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار غ** كەسكەن دەرەخنىڭ دەرەخ تۈرى ئاق تىرەك جەمئىي 195تۈپ،ھەجىم مىقدارى بولسا 11.052كۇپ مىتر دەپ بىكىتكەن.
خېجىڭ ناھىيلىك ئورمان ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جاۋابكار غ** كەسكەن دەرەخنى غ** نىڭ ئىگىدارلىقىنى دەرەخ ،كىسىلگەن ئورمان تۈرى ئىھاتە ئورمان تۈرىگە تەۋە دەپ ئەھۋال چۈشەندۈرش بىلەن تەمىنلىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان تەكشۇرۇش-ئېنىقلاش خاتىرسى ۋە رەسىمى، تۇنۇتۇش رەسىمى ۋە خاتىرىسى،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار غ** ئورمانچىلىق قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مۇناسىۋەتلىك دەرەخ كىسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز ئالدىغا باشقىلارنىڭ 11.052كۇپ مېتىر (195 تۈپ) دەرىخىنى كېسىۋەتكەن ،مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 345-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،شۇڭا قانۇن بويىچە دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ، جاۋابكار غ**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:ئەركىنجان تۇردى
2019-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى
1)جاۋابكار غ** كىپىللىكتە، ھازىر شىنجاڭ ** ناھىيە **بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپ**-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق .ئالاقىلشش نۇمۇرى : ********189
2)دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论