شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020]459-نومۇرلۇق
xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەxx ،ئەر، ئۇيغۇر، كىملىك نومۇرى xxxxxxxx6529011996، يۇرتى xx شەھەر، xx شەھەر xx بازىرى 10-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق،تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانغان. xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋاپكار xx خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋېىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۇپ كۆردۇق، جاۋابكار دىلونى تېز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار xx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 15:30 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 新NYxx نومۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ تۇرشىغا شۇ يەردە چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغان،جاۋاپكار xx قاندىكى ئىسپىىرت مىقدارى 276.05مىللىگىرام بولۇپ چىققان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق ،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست،شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ،جاۋاپكار xx يۇقارقى قىلمىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلاغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوقلىقىنى ئوتتوغا قويدى ھەم ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى،
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار xx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەن قىلمىشدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى راست ھەم تولۇق،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار xx جىنايىتىنى تونۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ 4 ئاي كۈن 5 تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ،قوشۇمچە8000 يۈەن ئىشتىراپ قويۇش تەكلىبى بېرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش : ھۈxx
تەپتىش : پاxx
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات :
1.جاۋابكار xx كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: xxxxxx13779
2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论