شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوشۇت ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامسى
خ ت 1-بۆلۈم ج ئەيىبلەش(2020) 42-نومۇرلۇق
1.جاۋابكار ئە**، ئەر ، ئۇيغۇر ،1977-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******** 6528281977، ساۋاتسىز ، كەسپى دېھقان ، سالاھىيتى ئامما ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ئۇششاقتال يېزا **كەنتى**-گۇرۇپپا **-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** يېزا**كەنتى ، جاۋابكار ئە** 2019 – يىلى 10- ئاينىڭ 28 -كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ، خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان ، 2019يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى مەھكىمىزئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن قولغا ئېلشىنى تەستىقلىغان ،شۇ كۈنى خوشۇت ناھيلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلشىنى ئىجرا قىلغان ، ھازىر خوشۇت ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
2. جاۋابكار ئە**، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1987-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******** 6528281987، ساۋاتسىز ، كەسپى دېھقان ، سالاھىيتى ئامما ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئادىرىسى: شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپپا **-نومۇر. جىنايى قىلمىش تارىخى يوق ، جاۋابكار ئە** 2019-يىلى10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ، خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى مەھكىمىزئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن قولغا ئېلشىنى تەستىقلىغان ،شۇ كۈنى خوشۇت ناھيلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلشىنى ئىجرا قىلغان ، ھازىر خوشۇت ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
3. جاۋابكار ئە**، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1974-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******** 6528281974، ساۋاتسىز ، كەسپى دېھقان ، سالاھىيتى ئامما ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** يېزا **كەنتى **-گۇرۇپپا **-نومۇر، جىنايى قىلمىش تارىخى يوق . جاۋابكار ئە**2019-يىلى10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ، خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى مەھكىمىز ئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن قولغا ئېلشىنى تەستىقلىغان ،شۇ كۈنى خوشۇت ناھيلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلشىنى ئىجرا قىلغان ، ھازىر خوشۇت ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
4.جاۋابكار ئە**، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1979-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى : ******** 6528281979 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، كەسپى شوپۇر ، سالاھىيتى ئامما ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي : شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** يېزا **كەنتى 1-گۇرۇپپا 37-نومۇر، ھازىرقى ئولتۇرشلۇق ئادرىسى : شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** يېزا ** كەنتى **-گۇرۇپپا ، جىنايى قىلمىش تارىخى يوق . جاۋابكار ئە**2019-يىلى11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ، خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىزئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن قولغا ئېلشىنى تەستىقلىغان ،شۇ كۈنى خوشۇت ناھيلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلشىنى ئىجرا قىلغان ، ھازىر خوشۇت ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقتا .
جاۋابكارئە** قاتارلىق تۆت جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە،خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى2-ئاينىڭ4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. ھەمدە جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتراپ قىلش كەلتۈرۈپ چىقردىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ،دېلونىڭ بارلىق ماتىريالىنى قانۇن بويىچە تەكشۈردۇق.بۇدېلو ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھىقلەشقە قايتۇرۇلدى،ئىككى قېتىم ئەيىبلەش سۈرىكى ئۇزارتلىدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلشىمىزچە:
2019-يىلى 1-ئايدا جاۋابكار ئە**، جاۋابكار ئە**بىلەن بىللە ئە**نىڭ قارا رەڭلىك ، تاختاي نۇمۇرى***** 新M ،** ماركىلىق ماشىنىسى (بىراك قىلىنغان)دا، خوشۇت ناھىيە ** يېزىسى ** تاشچىلىقىنىڭ ** تاغدىكى **-كان رايونىغا كەلگەندىن كېيىن ، ئە**ئالدىن تەييارلىۋالغان ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان پالتىسى بىلەن تاغ ئۈستىدىكى تاش كىسىش مەيدانىدىكى توك ئۆزگەرتىش ماتۇرىنىڭ يېنىدىن تاغ ئۈستىگە چىقىدىغان مىس توك سىمىنى ئوغۇرلاپ، كىسىپ چىققان 20 مىتىر مىس توك سىمىنى ئە**نىڭ قارا رەڭلىك ، تاختاي نۇمۇرى *****新M،** ماركىلىق ماشىنىسىدا(بىراك قىلىنغان) خۇشۇت ناھىيە **يېزىسىدىن شەرقى جەنۇپ تەرەپكە 5 كىلومىتىرچە كېلدىغان ئورۇندا سىرتقى سۇلياۋ قېپىنى كۆيدۈرۈپ ئىچىدىكى مىس سىمنى چىقرىپ سېتىپ پۇلنى خەجىلگەن . ئوغۇرلانغان مىس توك سىمىنىڭ باھاسىنى باھالاش ئارقىلىق باھاسى 3441.00 يۈەن .
2. 2019-يىلى 1-ئايلار ئەتراپىدا جاۋابكار ئە**، ئە** ، ئە** ئۈچى ئايرىم ھالدا ئە**نىڭ قارا رەڭلىك ، ** ماركىلىق ، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتى ، ئە**نىڭ ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك ، ** ماركىلىق موتسىكىلىتىدا ، خوشۇت ناھىيە ** كۇاڭسەن ** كانچىلىقى كان رايونىغا بېرىپ ، كان رايونىدىكى ئامبار ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن كىرىپ ئامبار ئۆي ئىچىدىكى ئىككى باغلام مىس توك سىمىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ،ئە**نىڭ قارا رەڭلىك ، ** ماركىلىق ، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىغا بېسىپ ، نەق مەيداندىن بىر كىلومىتىر يىراقلىققا ئاپىرىپ سىرتقى سۇلياۋ قېپىنى كۆيدۈرۈپ ، ئىچىدىكى مىس سىمنى چىقرىپ سېتىپ پۇلنى خەجىلگەن . ئوغۇرلانغان مىس توك سىمىنىڭ باھاسىنى باھالاش ئارقىلىق باھاسى 7584 يۈەن .
3. 2019-يىلى 1-ئايلاردا جاۋابكار ئە** جاۋابكار ئە**بىلەن بىللە ئە**نىڭ قارا رەڭلىك ، تاختاي نۇمۇرى*****新M، ** ماركىلىق ماشىنا(بىراك قىلىنغان)نى ، خوشۇت ناھىيە ** كانچىلىقى ** كان رايونىغا كەلگەندىن كېيىن ، جاۋابكار ئە**ئالدىن تەييارلىۋالغان ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان پالتىسى بىلەن تاش كىسىش مەيدانىدىكى توك ئۆزگەرتىش ساندۇقىنىڭ يېنىدىن تاش كىسىش ئويمىتىغا چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىس توك سىمىنى كىسىپ ئوغۇرلاپ ، جاۋابكار ئە**نىڭ قارا رەڭلىك ، تاختاي نۇمۇرى ***** 新M ، شالى ماركىلىق ماشىنى (بىراك قىلىنغان)دا ** يېزىسى ** كەنتى **-گۇرۇپتىكى ئەخلەت مەيدانىغا ئاپىرىپ ، مىس توك سىمىنىڭ سىرتقى قېپىنى كۆيدۈرۈپ ئىچىدىكى مىس سىمنى چىقرىپ سېتىپ پۇلنى خەجلىگەن. ئوغۇرلانغان مىس توك سىمىنىڭ باھاسىنى باھالاش ئارقىلىق باھاسى 2920 يۈەن .
4. 2019-يىلى 03-ئايدا ، جاۋابكار ئە**جاۋابكار ئە** بىلەن تاختاي نۇمۇرى ***** 新M ، **ماركلىق يىنىڭ تىپتىكى ئادەتتىكى يۈك ماشىنىسى (بىراك قىلىنغان)نى ھەيدەپ ، خوشۇت ناھىيە ** يېزا **سەندىكى **نىڭ ئۆيىگە كىرىپ ، ئۈچ دانە ئاككۇمۇلياتورنى ئوغۇرلاپ، جاۋابكار ئە**نىڭ تاختاي نۇمۇرى*****新M ، **ماركلىق، يىنىڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسى (بىراك قىلىنغان) دا ئېلىپ كەتكەن ، ئوغۇرلانغان ئاككۇمۇلياتورنىڭ باھاسىنى باھالاش ئارقىلىق باھاسى 1920 يۈەن .
5. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2019-يىلى 06-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتراپىدا ، جاۋابكار ئە**،ئە** ، ئە**لەر بىلەن بىللە تاختاي نۇمۇرى***** 新M ،**ماركلىق، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۆزى چۈشىرىدىغان يۈك ماشىنا (بىراك قىلىنغان) سىنى ھەيدەپ ، ئالدى-كەينى ئىككى قېتىم خوشۇت ناھىيە ** يېزا** كانچىلىقىنىڭ 2 كېلومېتىر يېنىدىكى كان رايونىغا قويۇلغان جەمئىي 41 تال كىسىش ماشىنىسى تەگلىكىنىڭ پولات رېلىس ئوقۇرىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن .بىرىنچى قېتىم جاۋابكار ئە**جاۋابكار ئە** بىلەن 25 تال كىسىش ماشىنىسى تەگلىكىنىڭ پولات رېلىس ئوقۇرىنى تاختاي نۇمۇرى***** 新M ،**牌 ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۆزى چۈشىرىدىغان يۈك ماشىنا (بىراك قىلىنغان) سىغا بېسىپ ئېلىپ كەتكەن . ئىككىنچى قېتىم جاۋابكار ئە**، ئە** ، ئە** ئۈچى 16 تال كىسىش ماشىنىسى تەگلىكىنىڭ پولات رېلىس ئوقۇرىنى جاۋابكار ئە**نىڭ***** 新M ،**ماركلىق، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۆزى چۈشىرىدىغان يۈك ماشىنا (بىراك قىلىنغان) سىغا بېسىپ ئېلىپ كەتكەن . ئوغۇرلانغان 41 تال پولات رېلىس ئوقۇرىنىڭ باھاسىنى باھالاش ئارقىلىق باھاسى 4383.72 يۈەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇرلانغان 16 تال پولات رېلىس ئوقۇرىنىڭباھاسىنى باھالاش ئارقىلىق 1710.72 يۈەن دەپ بېكىتكەن .
6. 2019-يىلى 07-ئايدىن 2019-يىلى 09-ئايغىچە ،جاۋابكار ئە** ئۆزىنىڭ قارا رەڭلىك ، ** ماركىلىق ، ئىككى چاقلىق موتوسىكىىتىدا ، ئالدى-كەينى بۇلۇپ ئۈچ قېتىم خوشۇت ناھىيە ** كانچىلىقى **نومۇرلۇق كان رايونىغا بېرىپ ،ئالدىن تەييارلىۋالغان توك كىسىش ئامبۇرى بىلەن 1-، 2-چىغرىق ئۆيىدىن ئومومىي توك كونتىرۇل ئۆيىگە تارتىلغان مىس توك سىمىنى كىسىپ ئېلىپ ، كىسىپ ئالغان 150مېتر3×150 1 تىپلىق مىس توك سىمىنى بىر قېتىم ئۆزىنىڭ قارا رەڭلىك ، SUZUKI ماركىلىق ، ئىككى چاقلىق موتسىكلتىغا بېسىپ بىر كىلومىتىر يىراقلىقتا سىرتقى قېپىنى كۆيدۈرۈپ ئىچىدىكى مىس سىمىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ، ئىككى قېتىم خوشۇت ناھىيە ** كانچىلىقى ** نومۇرلۇق كان رايونىدا سىرتقى قېپىنى كۆيدۈرۈپ ئىچىدىكى مىس سىمنى ئوغۇرلاپ كەتكەن .ئوغۇرلانغان مىس توك سىمىنىڭ باھاسىنى باھالاش ئارقىلىق باھاسى 19425 يۈەن .
7. 2019-يىلى 09-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ، جاۋابكار ئە** جاۋابكار ئە** بىلەن بىللە ئە**نىڭ قارا رەڭلىك ** ماركىلىق ، ئىككى چاقلىق موتوسىكىىتى ، جاۋابكار ئە**نىڭ ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك، YAMAHA ماركىلىق موتوسىكىلىتىدا ، خوشۇت ناھىيە ** يېزىسى شىمالىي تاغ **مىس كان ** كانچىلىقى **ومۇرلۇق كان رايونىغا بېرىپ ، ئە** ئالدىن تەييارلىۋالغان توك كىسىش ئامبۇرى بىلەن 1-چىغرىق ئۆينىڭ ئىچىدىكى ، ئومومىي توك كونتىرول ئۆيىدىكى توك ئەسۋاپلارغا ئۇلانغان مىس توك سىملىرىنى كىسىپ ئالغان. كىسىپ ئالغان YC-300V3×6 تىپىلىق ،(50平方) DZR5 تىپلىق ، YJV-1KV 3×240 1 تىپلىق مىس توك سىمىنى نەق مەيداننىڭ ئەتراپىدا سىرتقى قېپىنى كۆيدۈرۈپ ، ئىچدىكى مىس سىمنى ئە**نىڭ قارا رەڭلىك SUZUKI ماركىلىق ، ئىككى چاقلىق موتسىكلىتى ، جاۋابكار ئە**نىڭ ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك، YAMAHA ماركىلىق موتسىكىلىتىغا بېسىپ كېلىپ سېتىپ خەجىلگەن . ئوغۇرلانغان مىس توك سىمىنىڭ باھاسىنى باھالاش ئارقىلىق باھاسى 1405 يۈەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
يازما ئسىپات، ماددىي ئىسپات،دېلو مەلۇماتى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئاقلىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ بايانى،باھالاش يەكۈنى،نەق مەيدان تەكشۈرۈش،تۇنۇتۇش خاتىرىسى،خەرىتىسى ۋە سۈرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ،جاۋابكارلارمۇ ئۆزقىلمىشىغا ئىقرار بېكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل –ئىسپاتلارنىڭ توپلنشى قانۇنلۇق ،مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەققىي بۇلۇپ،ئەيىبلەنگەن پاكتىنى بىكىتپ بېرەلەيىدۇ،جاۋابكار ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى دەلىل ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق،ئۆز ئىختيارلىقى بىلەن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتراپ قىلغان.
مەھكمىزمۇنداق قارايىدۇ، جاۋابكار ئە** ،ئە**،ئە** ئىسمايىل،ئە** قاتارلىقلار قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا بىرلىشىپ ۋە ئايرىم باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى كۆپ قېتىم مەخپىي ئوغرلىغان، سوممسى بىر قەدەر كۆپ،قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-25-ماددسنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ، ئوغرلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.تۆت جاۋابكار جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتراپ قىلغان،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى»15-مادسىنىڭ بەلگلمىسگە ئاساسەن كەڭچلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ،شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوشۇت ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:غېنى رېىھم
2020- يىلى7-ئاينىڭ29-كۈنى
قوشۇمچە:
(1) جاۋابكارلار خوشۇت ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
(2)خوشۇت ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسىدىن نوسخا.
(3)خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ماتېرىيالى(جەمئىي 7 توپلام بەت)، بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论