ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 197–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئە***،ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501041990، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، كەسپى: يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ئۈرۈمچى *** رايونى *** كوچىسى ***-نومۇر *-قارار *-بىنا *-كۇرپۇس ***-ئۆي. دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھەر *** رايونى *** يولى *-تار كوچا **-نومۇر **-بىنا *-كورپۇس ***-ئۆي. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ، مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئالدامچىلق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار ن***، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501051988، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كەسپى: يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھەر *** رايونى *** يولى ***-نومۇر *-بىنا *-كۇرپۇس ***-ئۆي. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھەر *** رايونى *** يولى **-نومۇر *** ئولتۇراق رايونى **-بىنا *-كورپۇس ***-ئۆي.بۇ قېتىم ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئالدامچىلق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئە***،ن***نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 30-كۈنى قايتاقوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلونى ئىككى قېتىم تولۇقلاشقا قايتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئە***، ن***لار 2020-يىلى 1- ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى تىنىچىلىق جەنۇبى يولى ئالاھىدە ساقچى ئەتىرىتى ئەتراپىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ئە***غا قۇرساق ئاغرىقى دورىسى(复方地芬诺酯片)تېپىپ بىرىشىنى باھانە قىلىپ، 10600يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ ئىككىسى بۆلۈشۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن 8400يۈەن قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
جاۋابكار ئە*** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تىيانشان رايۇنلۇق جىنايى ئشىلار4- ئەترىتى تەرىپىدىن تېلفۇن ئارقىلىق چاقىرتىلغان.
جاۋابكار ن*** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21لەردە تىيانشان رايۇنلۇق جىنايى ئشىلار4- ئەترىتىگە كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئە***،ن***نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى،
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئە***نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكارلارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى،
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكارئە***،ن***لارنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يالغاندىن قوساق ئاغرىق دورىسى تېپىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسى ۋە 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە جنايى جازا بېرىشىىڭىزلەر ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 10–ئاينىڭ 19–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكارلار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 13 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 4 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. ئاددى تەرتىپ ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论