تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2019) 431- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
1.جاۋاپكار م، XXئەر، ئۇيغۇر،1982 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6521011982********، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** بازار ** كەنىت 3-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، قىمارۋازلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان؛ 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.
2.جاۋاپكار غى، XXئەر، ئۇيغۇر،1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6521011983********، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، قىمارۋازلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان؛ 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.
3.جاۋاپكار ئا، XXئەر، ئۇيغۇر،8719-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6521011987********، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، قىمارۋازلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
4.جاۋاپكار ت، XXئەر، ئۇيغۇر،1977-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى 6521011977********، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزا ** كەنىت 5-گۇرۇپپا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، بۇرۇن جازالانمىغان، قىمارۋازلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار م،XX غى، XXئا،XX تXX قاتارلىقلارنىڭ قىمارۋازلىق، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارلارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنى قوللۇنۇپ كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دىجۈرنى ئادۋۇكات ۋە جاۋاپكارلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. جاۋاپكارلار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
1. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مXX بىلەن غىXX ئىككىسى بىرلىشىپ 7000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، مXXنىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، غى، XXئا،XX سXX قاتارلىقلار بىلەن دىڭ دىڭ ئويناپ، مXX بىلەن غىXXئىككىسى بىرلىشىپ 4000يۈەن چوتو يىغىپ، ئىككىسى يىرىمدىن بۆلۈشكەن.
2. 2015-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مXX بىلەن غىXX ئىككىسى بىرلىشىپ 20000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، مXXنىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، غى،XX خ، XXئا ، XX ئا،XX ئاXX قاتارلىقلار بىلەن دىڭ دىڭ ئويناپ، مXX بىلەن غىXX بىرلىشىپ 32000يۈەن چوتو يىغىپ، ئىككىسى يىرىمدىن بۆلۈشكەن.
3. 2015-يىلى 9-ئاي مەزگىلىدە، جاۋاپكار م،XX غىXX بىرلىشىپ 18000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، ئىدىقۇت رايۇن**يىزىسى ** كەنتىدىكى خXXنىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، غى،XX خ،XX ئا،XX ئاXX قاتارلىقلار بىلەن دىڭ دىڭ ئويناپ، مXX بىلەن غىXX 30000يۈەن چوتو يىغىپ ئىككىسى يىرىمدىن بۆلۈشكەن، خXXغا ئۆي پۇلى ۋە ئادەم چاقىرىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن 400يۈەن پۇل بەرگەن.
4. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مXX 20000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، ئىدىقۇت رايۇن ** يىزا ** كارىز كەنتىدىكى قXXنىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، ئا،XX ئا، XXغى، XXئا، XXق، XXئاXX قاتارلىقلار بىلەن دىڭ دىڭ ئويناپ، جاۋاپكار مXX 18000يۈەن چوتو يىغقان، قXXغا ئۆي پۇلى ۋە قىمار ئويناشقا لازىملىق نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن 500يۈەن پۇل بەرگەن.
5. 2015-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مXX 5000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، ئىدىقۇت رايۇن ** بازار ** كەنتىدىكى ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، ب،XX غى، XXر،XX مXX قاتارلىقلار دىڭ دىڭ ئويناپ، مXX10000يۈەن چوتو يىغقان.
6. 2015-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مXX 5000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، ئىدىقۇت رايۇن ** بازار ** كەنتىدىكى ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، سXX، ر،XX غىXX قاتارلىقلار دىڭ دىڭ ئوينىغان، سورۇندا مXX 12000يۈەن چوتو يىغقان.
7. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار ئاXX 20000يۈەن پۇل چىقىرىپ، مXX بىلەن بىرلىشىپ، ئىدىقۇت رايۇن ** يىزا ** كارىز كەنتىدىكى قXXنىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، ق، XXئا، XXئا، XXغى، XXئاXX قاتارلىقلار بىلەن دىڭ دىڭ ئوينىغان، بۇ سورۇندا مXX 32000يۈەن چوتو يىغقان، ئاXXنىڭ باشقىلاردىكى 37000يۈەن قەرزىنى تۆلەپ بەرگەن ھەم ئۆي پۇلى ئۈچۈن قXXغا 500يۈەن پۇل بەرگەن.
8. 2015-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مXX 5000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، ئىدىقۇت رايۇن ** بازار ** كەنتىدىكى ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، غى،XX ئا،XX ر، XXسXX قاتارلىقلار دىڭ دىڭ ئوينىغان، بۇ قېتىملىق سورۇندا مXX3000يۈەن چوتو يىغقان.
9. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چىسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مXX بىلەن تXX بىرلىشىپ 5000يۈەن قىمار قەرزى تارقىتىپ، ئىدىقۇت رايۇن ** يولى ** كەينىدىكى تXXنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، غى، XXئا،XX ئە، XXئە،XX تXX قاتارلىقلار قىمار ئوينىغان. سورۇندا جاۋاپكار مXX بىلەن تXX 10000يۈەن چوتو يىغىپ ئىككىسى يىرىمدىن بۆلۈشكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :
يازما ئىسپاتلار؛ جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ تۇتۇپ قېلىنغان ماددىي بۇيۇملار تىزىملىكى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، راس بۇلۇپ، ئاساسلىنىشقا بۇلىدۇ، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، جاۋاپكارلارنىڭ ئەيىبلەشنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتلارغا ۋە دىلونىڭ خاراكتىرىگە باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار م، XXغى، XXئا،XX تXX قاتارلىقلارنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي،پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، قانۇنسىز قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، چوتو ئايرىپ پايدا تاپقان قىلمىشىدىن قىمارۋازلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. جاۋابكارلارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى›› 303-ماددىسىنىڭ، 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ، 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋاپكار مXXغا مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايدىن يۇقىرى 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراف قۇيۇش؛ جاۋاپكار غىXX 1 يىلدىن يۇقىرى 1 يىل 6 ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراف قۇيۇش؛ جاۋاپكار ئاXX بىلەن تXXلارغا مۇددەتلىك 6 ئايدىن يۇقىرى 8 ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراف قۇيۇش، جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىۋى بېرىمىز. شۇڭا جاۋابكار م، XXغى،XX ئا، XXتXX قاتارلىقلارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : پاتىگۈل خالىق
2019- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋابكار مXX، غىXX ئىدىقۇت رايۇنلۇق قاماقخانىدا قاماقتا، جاۋاپكار ئاXX، تXX كېپىلگە بېرىلگەن.
2. دىلونىڭ ج خ ئارخپى 5 توپلام، تەپتىش ئارخپى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 46 نۇسخا ، 2 دانە دېسكا قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论