شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھەر
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ر ت ج ئەيىبلەش [2020] 21-نومۇرلۇق
جاۋابكار ******* ، ئەر ، ئۇيغۇر ، **19-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قوبۇقسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى *******65020319، تولۇق كۇرۇس مەلۇماتلىق ، قاراماي شەھەرلىك ***** خىزمەتچىسى ، نوپۇسى قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى***** 1-بىنا 1003-ئۆيدە . ھازىر قاراماي شەھىرى ***** مەھەللىسى 6-بىنا 12-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق . 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋابكار *******نى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان ، مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ،شۇ كۈنى جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ ، جاۋابكارنىڭ نۆۋەتچى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق . جاۋابكارمۇ مەزكۇر دىلونى ئاددىي تەرتىپ قوللۇنۇپ بىجىرىشكە قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار ******* 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 2:57 ئۆتكەندە ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新J**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى قۇت يولىنى بويلاپ شەرىقتىن غەرىپ يۆلىنىشكە قاراپ ھەيدەپ ، « ****** » دۇكىنى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، ئاپتۇموبىلنى قۇت يولىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يول ئايرىش تېشىغا سوقۇپ ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان . جاۋابكار *******نىڭ قان تەركىبىنى تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىمېتىردا 243.55 مېللىگرام ئىسپىرىت بارلىقى ئېنىقلىنىپ مەسىتلىك ئۆلچىمىگە توشقان .
قاتناش ھادىسىسىدىن كىيىن جاۋابكار ******* ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىتىراپ قىلغان .
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ماددىي ئىسپات ،يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ، نەق مەيدان تىلكامىرا كۆرىنىشى، تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى ، قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارىنى باھالاش پىكرى ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ئۇچۇرىنى ۋە شوپۇرلار ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجە جەدۋىلى ، جاۋابكار ئىمزا قويغان جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنى تەرتىپكە ، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ، بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك . جاۋابكار *******مۇ بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكىرسىز بولۇش بىلەن بىللە ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ******* ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان، قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىدا بەلگىلەنگەن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇشقا تىگىشلىك . جاۋابكار *******نىڭ ھەر 100 مىللىمېتىر قېنىدا 243.55 مېللىگرام ئىسپىرىت بارلىقى ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىقى ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئويلۇشۇپ،جاۋابكار *******غا بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ، قوشۇمچە 10000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قارايمىز . شۇڭا جاۋابكار *******نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن:
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: پەرمانجان ئەمەت
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
قوشۇمچە :
1.جاۋابكار ******* ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى : *****136899 .
2. بىر پارچە جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتى ، ج خ ئىككى توپلام 51 بەت دېلو ماتېرىيالى ، بىر دانە نۇر دېسكىسى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论