欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某非法经营案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                       ئا ش ت  ئەيىبلەش (2020) 573-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئېxx، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011994، تۇلۇقسى‍ز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-ئىشىك xx-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى  جازالانمىغان 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك  ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

   ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ  27-كۈنى (2019) 1689-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

  جاۋابكار  ئېxxز 2019-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۇنىگىچە، دورا سېتىش ئىجازەتنامىسى يوق ئەھۋال ئاستىدا، پايدا ئېلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە ئۆزىنىڭ wxid-e8v3hgyhth7  نۇمۇرلۇق ئۇندىدارى ئارقىلىق xx ئۈندىدار نامى 风声 بىلەن ئالاقىلىشىپ 复方  地芬诺酯片 سېتىۋالماقچى بولغان ھەمدە توردىن ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 79495 يۈەنگە 833 قۇتا دورا سېتىۋېلىپ، سېتىۋالغان دورىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقسۇ شەھەر xx دەريا ساھىلى xx ئولتۇراق رايۇنى يېندىكى xx تىز يەتكۇزۇش ئورنى، ئاقسۇ شەھەر xx سودا بازىرى xx تىز يەتكۇزۇش ئورنى، ئاقسۇ شەھەر ئۇرۇمچى xx يۇلى مەركىزى بىكەت يېندىكى xx تىز يەتكۇزۇش ئورنى، ئاقسۇ شەھەر xx يۇلى xx-تىرانسپورىت يولوچىلار بىكتىنىڭ قارشى تەرپىدىكىxx تىز يەتكۇزۇش ئورنىلىرى ئارقىلىق تاپشۇرۋالغان. جاۋابكار ئېxxز 833 قۇتا دورىنىڭ ھەر بىر قۇتسنى تۆۋىنى 75 يۇەندىن يۇقىرىسى 100 يۇەنگىچە سېتىپ 18200 يۇەن پايدىغا ئىرىشكەن، جاۋابكار ئېxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۇنى ئاقسۇ شەھەر xx يۇلى مەركىزى بىكەتنىڭ يېندىكى xx تىز يەتكۇزۇش ئورنىدا 30 قۇتا دورا   复方地芬诺酯片 نى تاپشۇرۇپ ئېلىش جەريانىدا ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان.

   يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،   جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئېxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق. جاۋابكار ئېxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلىغان جىنايەت پاكىتىنى ۋە جىنايەت نامىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكار ئېxxنى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش: ئايچولپان ئېزىز

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك سولاقخانىدا قاماقلىق .

    2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئالماشتۈرۈپ قاماش گۇۋاھنامسىى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top