欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某贩卖毒品罪案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

چ ت ئە ( 2019 ) 242-نومۇرلۇق

جاۋاپكار ئە** ، ئەر، ئۇيغۇر ، 1983- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان.(كىملىك نومۇرى: ********8365280119) ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى يەككە تىجارەتچى(قاسساپ)،ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ كورلا شەھرىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى كورلا شەھەرى ** يىزىسى ** كەنتى **-گۇرۇپ ***-نۇمۇر، قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى كورلا شەھرى ** **-ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-ئىشىك ***-نۇمۇر ، 2019- يىلى03- ئاينىڭ17- كۈنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر( ناتاششا) ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019– يىلى 04- ئاينىڭ16- كۇنى ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن،2019- يىلى 04- ئاينىڭ 28- كۈنى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان ،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.

جاۋاپكار ئە**نىڭ زەھەر( ناتاششا) ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى دېلوسىنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2019–يىلى8–ئاينىڭ3-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۇزۇپ بەرگەندىن كېيىن،مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلىپ‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلونى تەكشۇرۇش ئارقىلىق 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۇنى تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۇرۇك ۋاقتى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى، 2019- يىلى 9-ئاينىڭ18-كۇنى بىر قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇلدى، ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى10- ئاينىڭ 18-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز ج خ دېلو ئارخىۋىنى قايتا كۇرۇپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ ھوقۇق مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلدۇق،ھەمدە ئادۇكاتنىڭ پىكىرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

1. جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنلىرى ئەتراپىدا زەھەر( ناتاششا) سېتىۋېلىپ، سېتىپ ئارىدىن پايدا تېپىش مەخسىتىدە، ئوزى يالغۇز زەھەر( ناتاششا) سېتىۋېلىش ئۈچۇن ئۈرۈمچى شەھرىگە بېرىپ ،ئۈرۈمچى شەھەرىدە ئولتۇرۇشلۇق تا**( ئايرىم دېلودا ھوكۇم كېسىلگەن)دىن 400گىرام زەھەر(ناتاشا) نى10مىڭ يۈەنگە سىتىۋىلىپ،كورلا شەھەرىگە ئەكىلىپ، 2018 -يىلى09-ئاينىڭ 14-كۇنى ۋە 20- كۇنى شايار ناھىيە يېڭى مەھەللە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئا** بىلەن كورلا شەھىرىدە تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىككى قېتىمدا 50 گىرامدىن جەمىئى 100 گىرام زەھەر(ناتاشا)نى 3مىڭ يۇەندىن جەمئى 6مىڭ يۇەنگە سېتىپ پۇلنى نەق ۋە ئۇندىدار ئارقىلىق ئېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن .( ئا** سېتىۋالغان زەھەرنى ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن) .

2. جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى يۇقارقى سېتىۋالغان زەھەر( ناتاششا)نى باشقىلارغا سېتىپ پايدا ئېلىش مەخسىتىدە،كورلا شەھەرى تىكىچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئې*** بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ ئۇچراشقاندىن كېيىن ،يۇقارقى زەھەر( ناتاششا)دىن 200گىرامنى 9 مىڭ يۈەنگە سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۇگەتكەن.( پۇلىنى ئۇندىدار ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن. ئې***سېتىۋالغان زەھەرنى ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن)

3. جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۇنلىرى ئەتراپىدا ،زەھەر( ناتاششا) سېتىۋېلىش مەخسىتىدە ئوزى يالغۇز ئۇرۇمچى شەھەرىگە بېرىپ، ئۆرۇمچى شەھەرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خەنزۇ يولداش( سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس) دىن 500گىرام زەھەر (ناتاشا)نى 10مىڭ يۈەنگە سىتىۋىلىپ، كورلىغا شەھەرىگە ئەكىلىپ، 2018-يىلى10-ئاينىڭ22-كۇنى مۇ**( ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى)غا 400گىرام زەھەر( ناتاششا)نى 12 مىڭ يۇەنگە ساتقان. قالغان 100 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن. جاۋاپكار ئە** يۇقارقى زەھەر( ناتاششا) ساتقان 12مىڭ يۇەننىڭ 10 مىڭ يۇەننى ئىككى قېتىم ئۇندىدار ئارقىلىق مۇ**دىن تاپشۇرۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن ،2مىڭ يۇەننى نىسى قالغان. مۇ** يۇقارقى سېتىۋالغان 400 گىرام زەھەر ( ناتاششا)نىڭ 100.4 گىرامنى ئە**، قۇ**( ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى)غا ساتقاندىن كېيىن، ئە**، قۇ** باشقىلارغا سېتىش جەريانىدا ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 100.4 گىرام زەھەر( ناتاششا)، مۇ*** نىڭ ماشىنىسىدىن 25.6گىرام، زەھەر( ناتاششا) تۇتۇپ قېلىنغان .

4.جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۇنى زەھەر ( ناتاششا) سېتىۋېلىش مەخسىتىدە،ئوزى يالغۇز ئۇرۇمچى شەھەرىگە بېرىپ،تا** ( ئايرىم دېلودا ھوكۇم كېسىلگەن)دىن300گىرام زەھەر(ناتاشا) نى 18مىڭ يۈەنگە سىتىۋىلىپ،كورلا شەھەرىگە ئەكىلىپ،2018-يىلى12-ئاينىڭ 14-كۇنى خېجىڭ ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئە**غا يۇقارقى زەھەر( ناتاششا)دىن 50گىرامنى 3مىڭ يۈەنگە سېتىپ، پۇلىنى ئۇندىدار ئارقىلىق ئېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن. (ئە** يۇقارقى سېتىۋالغان زەھەر( ناتاششا)نى ئۆزى چىكىپ تۇگەتكەن. ئالغان).

5. جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى پايدا ئېلىش مەخسىتىدە، خېجىڭ ناھىيسىدە ئولتۇرۇشلۇق يۈ**كە يۇقارقى زەھەر (ناتاششا) دىن50گىرامنى 4 مىڭ يۈەنگە سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۇگەتكەن. ( يۈ** سىتىۋالغان زەھەر(ناتاشا)نى ئۆزى چىكىپ تۇگەتكەن).

6.جاۋاپكار ئە** زەھەر سېتىپ پايدا تېپىش مەخسىتىدە، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۇنىدىن 26-كۇنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۇچ قېتىمدا شايا ناھيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئە*** بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ خېجىڭ ناھىيىسىدە ئۇچرىشىپ 3 قېتىمدا جەمئى 300 گىرام زەھەر( ناتاشا)نى جەمئى 17 مىڭ يۇەنگە سېتىپ پۇلىنى ئۇندىدار ئارقىلىق تاپشۇرۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن. ( ئە*** سىتىۋالغان زەھەر (ناتاشا) نى ئۆزى چىكىپ تۇگەتكەن).

7.جاۋاپكار ئە** 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۇنلىرى ئەتراپىدا زەھەر ( ناتاشا) سېتىپ پايدا تېپىش مەخسىتىدە،ئوزى يالغۇز ئۇرۇمچى شەھرىگە بېرىپ، ئا**(ئايرىم دېلودا تەكشۇرلىۋاتقان)دىن13مىڭ يۈەنگە 250 گىرام زەھەر(ناتاشا)نى سىتىۋىلىپ،كورلا شەھەرىگە ئەكەلگەندىن كېيىن، 2019- يىلى 01- ئاينىڭ 26-كۇنى خېجىڭ ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئە** ( خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرلىۋاتقان) بىلەن كورلا شەھەرىدە ئۇچرىشىپ 100گىرام زەھەر(ناتاشا)نى7مىڭ يۈەنگە سېتىپ پۇلىنى ئۇندىدار ئارقىلىق ئېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن.(ئە** سىتىۋالغان زەھەر(ناتاشا) نى ئۆزى چىكىپ تۇگەتكەن).

8. جاۋاپكار ئە** پايدا تېپىش مەخسىتىدە،2019-يىلى 02- ئاينىڭ 13-كۇنى كورلا شەھەرىدە ئولتۇرۇشلۇق ش** بىلەن تېلفۇنلىشىپ ئۇچراشقاندىن كېيىن، يۇقارقى زەھەر( ناتاششا)دىن 50 گىرامنى 3500 يۇەنگە سېتىپ بىرىپ، پۇلىنى ئۇندىدار ئارقىلىق تاپشۇرۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن. (ش** يۇقارقى سېتىۋالغان 50 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى ئوزى تۇنىمايدىغان ( سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس) بىر ئەر كىشى( تاكسى كىرا قىلغان)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن سېتىۋالغان بۇلۇپ،سېتىۋالغان يۇقارقى 50 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى ئوزى تۇنىمايدىغان كىشىگە ئەكەپ بەرگەن) .

جاۋاپكار ئە** 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۇنىدىن 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 13-كۇنىگىچە بولغان ئارلىقتا توت قېتىمدا باشقىلاردىن 1450 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى 51مىڭ يۇەنگە سېتىۋېلىپ،بۇنىڭدىن 1250 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى كوپ قېتىمدا، كوپ كىشىلەرگە 61500 يۇەنگە سېتىپ، قالغىنى ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن .

جاۋاپكار ئە** ئېلىپ-ساتقان يۇقارقى زەھەردىن 126 گىرام زەھەر( ناتاششا) ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان .

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋاپكار ئوزىمۇ ئىقرار.

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزى:« يۇقارقى تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇملارنىڭ تەركىۋىدە ADB-F5بار »دەپ باھالاش يەكۈنى چىقىرىلغان .

ج خ مىنىستىرلىگى،دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتىتى،دۆلەت دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تارقاتقان غەيرى دورا تۈرىدىكى ناركوز دورىلىرى ۋە تىزگىلىنىدىغان نېرۋا دورىلىرى تۇلۇقلىما مۇندەرىجىسىدە:«F-ADB5 »،« ناتاششا » دەپ بىكىتىلگەن.

ج خ مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئاخبارات تېخنىكا مەركىزى زەھەر تەجىربىخانىسىنىڭ (2019) 54-نومۇرلۇق تەكشۇرۇش دوكلاتىدا: « ADB -F5 » ، زەھەر «ناتاششا»نىڭ ساپلىق دەرىجىسى (مىڭدىن بىرىدىن توۋەن)دەپ باھالاپ بىكىتىلگەن.

يۇقارىقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار توۋەندىكىچە:

« دېلودىكى ماددا ئىسپات، يازما ئىسپاتلا، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدىۋېلى؛ دېلونىڭ پاش بۇلۇش ،جاۋاپكارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى؛ تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى، تۇتۇپ قېلىش خاتىرىسى ،تۇتۇپ قېلىش سۇرئىتى؛ تۇنۇتۇش خاتىرىسى، تۇنۇتۇش سۇرئىتى؛ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ باھالاشنامسى؛ ج خ مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئاخبارات تېخنىكا مەركىزى زەھەر تەجىربىخانىسىنىڭ (2019) 54-نومۇرلۇق تەكشۇرۇش دوكلاتى ؛ ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك ئەترىنىڭ يان تېلفۇنغا قارىتا چىقارغان تېخىنىكىلىق باھالاش دوكلاتى؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە نۇپۇس ئىسپاتى » قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.

مەھكىممىزىنىڭ قارىشىچە:

جاۋاپكار ئە** پايدا تېپىش مەخسىتىدە، كوپ قېتىمدا 1450 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى 51مىڭ يۇەنگە سېتىۋېلىپ بۇنىڭدىن كوپ قېتىم ، كوپ كىشىگە 1250 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى61500 يۇەنگە ساتقان ،قالغىننى ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن قىلمىشىدىن،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347 - ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىگە بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك زەھەر ( ناتاششا) ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۇچۇن،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار ئە**نىڭ 1250 گىرام زەھەر( ناتاششا)نى ئېلىپ-ساتقان قىلمىشىغا قارىتا، مۇددەتلىك 7 يىللىق قاماق جازاسىدىن 8 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى دائىرىسىدە جازا بىرىش بىلەن بىرگە، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش تەكلىپنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمە بويىچە مەھكىمىىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.

ھورمەت بىلەن

چەرچەن ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

دېلو بىجىرگۇچى : قەمبەرنىسا ئەمەت،

2019 -يىلى 11-ئاينىڭ 16- كۇنى

ئىزاھات: 1). جاۋاپكار چەرچەن ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

2).ئەيىپلاشنامە 9نوسقا، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ گۇناھىنى تۇنۇش كېپىلنامىسى بىر نۇسقا، دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار تىزىملىكى، ئالماشتۇرۇش قەغىزى، ئوپتىكىلق دېسكا2 تال

4›.ج خ دىلو ئارخىۋى 5توپلام

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top