شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب (2020) 148- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
1. جاۋابكار ئۆXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:3157********654101، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېس: ئىدىقۇت رايون ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى كىپىلگە بېرىلگەن. مەھكىمىمىز تەرىپىدىن 2020-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى قايتا كېپىلگە بېرىلگەن.
2. جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نۇمىرى: 3235********652101، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېس: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزىسى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، دېھقان، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ ئۈچ ئاي كېچىكتۈرۈلگەن، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە توختىتىپ قويۇلغان، مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق تەستىقىغا ئاساسەن، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلىككە بېرىلگەن، مەھكىمىمىز تەرىپىدىن 2020-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى قايتا كېپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئۆXX ، ئەXXنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارلارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قانون بويىچە سوراق قىلدۇق، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2018-يىلى 10-ئايدىن 2019-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار ئۆXX باشقىلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشنا ھەيدىگەن قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇپمۇ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ئىشىنى بىرتەرەپ قىلىپ بېرىمەن دەپ، جاۋابكار ئەXX بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، زىيانلانغۇچى ئاXXدىن 22500 يۈەن پۇل ئالغاندىن كېيىن، ئۆزى 14500 يۈەننى ئايرىۋېلىپ، خەجلەپ تۈگەتكەن، قالغان 8000 يۈەننى جاۋابكار ئەXXكە ئاXXنىڭ ماشىنا ھەيدەپ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ئىشىنى بىرتەرەپ قىلىپ ئۈچۈن بەرگەن، جاۋابكار ئەXX بۇ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ زىيىنى تولۇق قايتۇرۇلغان.
دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئۆ،XX ئەXXنىڭ جىنايتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايى قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرىدۇ.
يۇقارىقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : دېلو مەلۇم قىلىش جەدىۋىلى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرىتى، ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە پۇل يۆتكىگەنلىك ئىسپاتى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئۆ،XX ئەXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز پۇل تېپىش مەقسىتىدە، يالغان ئېيتىپ، باشقىلارنىڭ 22500 پۇلىنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارلارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلغان. جاۋابكار ئۆ،XX ئەXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 266-ماددىسى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋابكار ئۆ،XX ئەXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : رابىگۈل تۇرسۇن
2020-يىلى 08-ئاينىڭ 04-كۈنى
قوشۇمچە:
1. بۇ دېلو 3 توپلام بەت.
2. جاۋابكار ئۆ،XX ئەXX كېپىللىكتە،
3. دېلونىڭ بارلىق ئارخىپ ماتىرياللىرى بىلەن 13 پارچە ئەيىپنامە، بىر دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.
4. جاۋابكار ئۆ،XX ئەXXنىڭ تۆۋىنامىسى بىر نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论