欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某盗窃案)_博乐市人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕112号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020)112 -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ئە**، ئەر،ئۇيغۇر، 1975-يىلى**-ئاينىڭ**–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6527011975********، تولۇقسىز مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر**بازىرى ** كەنىتى **-گۇرپا **-نومۇر،نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ** چىگىرا ساقچىخانىسى، 2017- يىلى03- ئاينىڭ27-كۈنى  ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئامانلىق بويىنچە 15كۈن توختۇتۇلغان. 2020 -يىلى05-ئاينىڭ22-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىنچە توختۇتۇلغان، شۇ يىلى 06-ئاينىڭ 01-كۈنى، مەھكىممىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان،  ھازىر  بورتالا  شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.        

مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 06- ئاينىڭ 08-كۈنى (2020) 72-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئە**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

2020-يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** ئۆزى يالغۇز، بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنىتىدىكى تېرىلغۇ يېرىدە ئىشلەش جەريانىدا، قوشنا ئېتىزلىقىدىكى خەنزۇ كىشىنىڭ ئېتىزلىقى قىرىغا توختۇتۇپ قويۇلغان ،بىر دانە ئىككى چاقىلىق قىزىل رەڭلىك توكسىكلىتنى كۆرگەندىن كېيىن، توكسىكلىت يېنىغا كېلىپ، توكسىكلىتنىڭ ئولتۇرىغان ئورۇندۇق ئاستىدىكى ساندۇق قىسمىنى تارتىپ ئېچىپ، بىر دانە قىزىل رەڭلىك رەخ خالتىغا ئوراغلىق پۇلنى كۆرگەن، ھەم بۇ پۇلنى ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئەتىراپنى كۆزەتكەندىن كېيىن ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، پۇللارنى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنىتىدىكى يەنە بىر پارچە تېرىلغۇ يېرىگە كەلگەن، ھەم  ئوغۇرلىغان نەق پۇل 15000(ئون بەش مىڭ) يۈەننى ، ئېتىزلىقىنىڭ شىمالى قىرىدىكى يەرگە بىر كىچىك ئورەك كولاپ كۆمۈپ قويغان،  كۆمۈش جەريانىدا، مۇشۇ توپ پۇل ئىچىدىن  100(يۈز ) يۈەننى ئايرىپ ئېلىپ يانچۇقىغا سېلىۋالغان ۋە نەق مەيداندىن ئايرىلغان.  ج خ ئىدارىسى 2020- يىلى05- ئاينىڭ22- كۈنى جاۋابكار ئە**تىن قانۇن بويىچە 15000 (ئون بەش مىڭ)  يۈەننى تۇتۇپ قېلىپ،2020- يىلى05- ئاينىڭ 26- كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ**غا قايتۇرغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئەرشىدىن ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە، باشقىلارنىڭ 15000(ئون بەش مىڭ يۈەن) يۈەن پۇلى ئوغۇرلىغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر

2020-يىلى 7-ئاينىڭ1-كۈنى

قوشۇمچە :

 1) جاۋاپكار قولغا ئېلىنغان، ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا

1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، گۇۋاچىلار تىزىملىكى، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top