欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某盗窃案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                                    پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 757-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار: ئەXX(باشقا ئىسمى: XX ) ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 4290******652122، پىچان ناھىيە ** يېزا ** مەھەللە *-گۇرۇپ *-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، 2014-يىلى6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 3يىل 6ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ،قۇشۇمچە 1900يۈەن جەرىمانە قۇيۇلغان،ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

    پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەXXنىڭ ئۇغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

  مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى: 

2019.1-يىلى 9-ئايلاردا (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) جاۋاپكار ئەXX بىر مەھەللىك زىيانلانغۇچى نەXX ۋە ئاغىينىلېرى رXX،مەرXXقاتارلىق بىلەن ** يېزا ** مەھەللە *-گۇرۇپپىدىكى ئۆستەڭ بۇيىدا ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا ، زىيانلانغۇچى نەXX ھاراق ئىچىپ مەسىت بۇلۇپ ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە،جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى نەXXنىڭ بىر دانە،« VIVO Y85A»ماركىلىق، 933يۈەن قىممىتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇننى ئۇغۇرلاپ ئۆيىگە ئىلىپ كىتىپ يۇشۇرۇپ قويغان .(ھارام مال يىغۋىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).

2. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 01:00لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئەXX ئۆزى يالغۇز پىچان ناھىيە ** يېزا ** مەھەللە *-گۇرۇپپىغا بېرىپ، زىيانلانغۇچى سىXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،ئۆي ئىچىگە كىرىپ ،ئۆي ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقان زىيانلانغۇچى قۇXXنىڭ كارىۋاتقا قۇيۇپ قويغان، بىر دانە،« ئالما S 6 »ماركىلىق،800يۈەن قىممىتىدىكى  يان تېلفۇننى ئۇغىرلاپ ئۈيىگە ئىلىپ كىتىپ يۇشۇرۇپ قويغان .(ھارام مال يىغۋىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).

 يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.زىيانغا ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ بايانى ؛3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى؛4. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. مال-باھا باھالاش يەكۈنى؛ 6. نەق مەيدان ئىنىقلاش ،تەكشۈرۈش خاتىرە ،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى 7.ئاڭلاش-كۆرۈش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئەXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئەXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلېرىنى كۆزگە ئىلماي، قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئۆزى يالغۇز 2 قېتىم دېلو سادىر قىلىپ، پۇقرالارنىڭ 1733 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ھالدا ئىلۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن ئۇغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار ئەXX ئىلگىرىمۇ ئۇغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، تەكرار جىنايەتچى شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە ئېغىر جازا بېرىشقا تىگىشلىك. جاۋاپكار ئەXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.

جاۋاپكارئەXXنىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

    2020-يىلى12-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار ئەXX  ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:181*********.

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە  جەمئىي16نۇسخا ،ئۈن-سىن دېسكىسى 2دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top