温宿县人民检察院
起 诉 书
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) 547-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئېXX، ئەر، XX 19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXXXXXX65290119، ئۇيغۇر، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى : ئونسۇ ناھىيە XX بازىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XXX-ئۆي، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ئونسۇ ناھىيە XX بازىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XXX-ئۆي. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى قەستەن بۇزىۋېتىش قىلمىشى بىلەن ئونسۇ ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن 15 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن مەمۇرى جەھەتتىن 5 كۈن توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپدىن 7ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قويۇپ بىرىلگەن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيۇنچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مەھكىمىز تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئونسۇ ناھىيلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئېXXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر ئېنىقلاندى:
جاۋابكار ئېXX 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 23:00 ئەتراپىدا، ئونسۇ ناھىيە مەرھابا يولى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ يېنىدىكى دۇكاندىن بىر قۇتا ئاق ھاراقنى ئېلىپ ئۆزى يالغۇز شۇ ئەتراپىتىكى ئۆستەك بۇيىدا ئولتۇرۇپ ئىچىكەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر سائەت 01:00 لەر ئەتراپىدا ئۆيگە قايتماقچى بۇلۇپ، ئونسۇ ناھىيە مەرھابا يولىدىكى مەxx كاۋاپخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئوغۇرلۇق قىلش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى تXX توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق، جىن لۇجۇ ماركىلىق 2508 يۈەن قىممىتىدىكى توكسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ، ئۆزنىڭ ئونسۇ ناھىيىلىك سىمنۇت زاۋۇتنىڭ يېنىدىكى قوي قوتىنغا يىتىلەپ ئاپىرىپ، لاپاسنىڭ ئاستىغا توختۇتۇپ، ئۈسىتنى قارا سۇلىياۋ توردا يېپىپ يۇشۇرۇپ قويغان. زىيانلانغۇچى تXXنىڭ توكسىكىلىتى بۇزىۋېتىلگەن بۇلۇپ، زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلمگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن–سىن پىلاستىنكسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبلەشنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبلەشنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئېXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقستىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇنچە ئېلىۋلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋابكار ئېXXنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارمىقىدا «جامائەت شەخسىنىڭ پۇل-مېلىنى ئوغرىلىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ياكى كۆپ قېتىم ئوغرىلق قىلغان، ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان، قاتىللىق قورالى ئېلىپ ئوغرىلىق قىلغان يانچۇقچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاىسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاىسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى شىتراف قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار ئېXXنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، ئەيىپلەش باسقۇچىدا مەھكىمىمىز بىلەن جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ئىمزالىغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئېXXنىڭ مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مەمەتجان تۇنياز
پۈتۈكچى: تاھىرجان تۇنياز
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى، جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى بىرگە يەتكۈزۈلدى. (2) جاۋابكار ھازىر ئونسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论