欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某盗窃案)(公开版)_库尔勒市人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

库尔勒市人民检察院

起 诉 书

库尔勒市检公诉刑诉〔2018〕1446号

كورلا شەھەرلىك  خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىبلەش (2018) 1446–نومۇرلۇق 

   جاۋاپكار ئەxx ،ئايال ****-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۇنى كوچار ناھىيەسىدە  تۇغۇلغان كىملىك نومۇرى 652923********3015؛ ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە؛  كەسپى ساتراچ  ، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە توختىتىپ قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى   ** ناھىيە** *كەنىت *-گۇرۇپ ***-نومۇر 2018-يىلى 7-ئاينىڭ23-كۇنى  ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن توختىتىپ قويۇلغان شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۇنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشىنى تەستىقلىغان شۇككۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلىشىنى ئىجرا قىلغان.  

جاۋاپكارئە**نىڭ  ئوغىرلىق دېلوسىنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2018-يىلى11-ئاينىڭ 23-كۇنى تەكشۇرۇپ ئەيىبلىىشگە ئۆتكۇزۇپ بەرگەن .

مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇنى ئۇختۇرۇپ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۇتۇن دېلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۇرۇپ دەلىل –ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ دېلو پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىنىمىزچە :

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 16دىن 35مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار ئە** ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، كورلا شەھەر نەشپۈت يولى شېڭفۇ لىيۈەن ئولتۇراق رايۇنىدىكى دېزې ئاپتۇموبىل شەھەرچىسىگە كىرىپ زىيانلانغۇچى لىياڭ**نىڭ كىرىسلودا ئۇخلاپ پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، ئىشخانا ئۈستىلىگە قۇيۇپ قويغان بىر دانە ئاق رەڭلىك HUAWEI-Mate9 ماركىلىق يان تېلفونىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. كورلا شەھەرلىك مال-باھا باھالاش ئىدارىسى (2018)100- نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە ئوغىرلانغان بىر دانە ئاق، رەڭلىك HUAWEI-Mate9 ماركىلىق 32گىگابايىت سىغىملىق يان تېلفوننى   350(ئۈچ يۈز ئەللىك) يۈەن دەپ بېكىتكەن، ھارام مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان ئوغىرلىق قىممىتى : 350يۇئەن؛  

 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 16 يېرىملار ئەتىراپىدا  جاۋاپكار   ئە** ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، كورلا شەھەر يەنئەن يولى جىيايۈەن ئولتۇراق رايۇنىدىكى شوۋلى كەسپى ئورۇقلىتىش مەركىزىگە كىرىپ، دۇكان ئىچىدە ئادەم يوق پۇرسەتدىن پايدىلىنىپ زىيانلانغۇچى سۈي**نىڭ پۇكەي ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان ئىچىگە   506يۈەن نەق پۇل  بىردانە  قاشتېشى مارجانلىق زەنجىر، ۋە   بىردانە بۇت شەكىللىك قاشتېشى ئېسىلغان بۇيۇملار  سېلىنغان   قارا رەڭلىك ئايالچە سومكىنى  ئوغۇرلاپ كەتكەن. كورلا شەھەرلىك مال-باھا باھالاش ئىدارىسىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق يەكۇنىدە  ئوغىرلانغان بۇيۇم  قاشتېشى مارجان بۇلۇپكىلارنى 2500يۇئەن دەپ باھالاپ بىكىتكەن  ھارام مال يىغىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان  ئوغىرلىق  قىممىتى : 3106يۇئەن  ؛ 

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 18دە ، جاۋاپكار  ئە** ئۆزى يالغۇز  يەنە ئوغۇرلۇق قىلىش  مەقسىتىدە، كورلا شەھەر نېفىت-خېمىيە چوڭ يولى چىشىڭ خۇيجۇڭيۈەن ئولتۇراق رايۇنىدىكى لاۋگۇ قاقلىما كاۋاپخانىسىغا كىرىپ دۇكان ئىچىدە ئادەم يوق پۇرسەتدىن پايدىلىنىپ گۇ**نىڭ توڭلاتقۇ ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان بىر دانە ئاق رەڭلىك OPPO-A57 ماركىلىق يان تېلفونىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.

كورلا شەھەرلىك مال-باھا باھالاش ئىدارىسى (2018)100- نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە  ،ئوغىرلانغان بىر دانە ئاق رەڭلىك OPPO-A57 ماركىلىق 32گىگابايىتلىق يان تېلفونى 350 يۈەن دەپ بېكىتكەن،ھارام مال يىغىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان  ئوغىرلىق قىممىتى : 350يۇئەن ؛ 

جاۋاپكار  ئە**نىڭ 2018-يىلى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۇچ قېتىم ئوغىرلىق دېلوسى سادىر قىلغان بولۇپ ئومۇمى ئوغىرلىق قىممىتى: 3806 يۇئەن.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپاتلار،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، باھالاش يەكۇنى نەق مەيدان يۇزلەشتۇزۇش خاتىرسى ،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل –ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ؛ 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئە** قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەخسىدىدە، يوشۇرۇن مەخپى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆزى يالغۇز شەخسلەرنىڭ 3806يۇئەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە مال –مۇلكىنى ئوغىرلىغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جەمھۇيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ئوغىرلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تېگىشلىك ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جەمھۇيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئە**نى   ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە ھوكۇم قىلغايسىلەر ؛

ھورمەت بىلەن : كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە     

تەپتىش پەرىدەم غوپۇر

    2018-يىلى12-ئاينىڭ5-كۇنى

(1)جاۋاپكار ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق  

(2)تەھقىقلەش ئارخىۋې ئىككى توپلام 10نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top