欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某盗窃案)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                     

                              ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 95-نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋاپكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1999-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:1999**********652101. نوپوسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق. مەدەنىيەت سەۋىيىسى: باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. كەسپى: دېھقان. ئوغۇرلۇق قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن **20-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 11 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.  ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، **20-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان،  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر قاماقتا.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئەXXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تۈزۈم قوللۇنۇلۇپ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكار بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار  تۆۋەندىكىچە : 

 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن، جاۋاپكار ئەXX ، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايونى ئوڭ تەرىپىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىدا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ۋXXنىڭ  ئاق رەڭلىك كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنىڭ قۇلۇپىنى شۇ يەردە تۇرغان خىش پارچىسى بىلەن چېقىۋەتكەندىن كېيىن، ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى قىممىتى 3516 يۈەن قىممىتىدىكى ھاراقلارنى ئوغۇرلاپ كەلگەندىن كېيىن، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىچىپ تۈگەتكەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، يازما ئىسپاتلار، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى، مال باھا ئىدارىسىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسى، نەق مەيدان سۆرىتى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؛ جاۋاپكار جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايى پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار ئەXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ھالدا باشقىلارنىڭ 3516 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى، 65-ماددىسى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» 176- ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت                     

                                   2020-يىلى 4-ئاينىڭ  27-كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكار ئەXX ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىدا قاماقتا .

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا  بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top