شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 553-نۇمۇرلۇق
xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 32 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : xxxxxxxx6529011988، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: xx شەھرى، xx شەھەر دولان باشقۇرۇش تەۋەلىكى كومىتىتى 1- رايون 6- كوچا 18- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسىپى يوق، ئىلگىرى جازالانغان. ( 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۇنىxx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق قىلمىشى ئۈچۈن مۇدەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان، 2012-يىلى 04-ئاينىڭ 11-كۇنىxx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق قىلمىشى ئۈچۈن 3 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن 5 ئايلىق رىجىم جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان، 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 23-كۇنىxxشەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق، ئوغۇرلۇق قىلمىشى ئۈچۈن مۇدەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان ) 2020-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020- يىل 7- ئاينىڭ 31- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان .
xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (2020) xx-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەxx 2020- يىل 7- ئاينىڭ 5- كۈنى 2:00 لەر ئەتىراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە xx شەھەر دولان باشقۇرۇش تەۋەلىكى يىرما ئاھالىلەر كومىتىتى 13- رايون شىسوڭ تاللا بازىرىنىڭ كەينىدىكى ھويلىغا كىرىپ زىيانلانغۇچى ياڭ xx ھويلىغا توختۇتۇپ قويغان ئاق رەڭلىك، ئىككى چاقلىق، گوۋىي ماركىلىق 2162 يۈەن قىممىتىدىكى توكلۇق موتوسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ ھويلىدىن ئىتتىرىپ چىقىپ 20 مىتىر يىراقلىقتىكى كوچا ئېغىزىغا ئاپىرىپ سىمنى ماس قىلىپ مىنىپ كەتمەكچى بۇلۇپ سىمنى ماس قىلالماي توكلۇق موتوسىكىلىتنى شۇ يەرگە تاشلاپ قۇيۇپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەxx يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئەxx مەھكىمىمىزدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جىنايى قىلمىشىنى ئىتىراپ قىلىپ، بىرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئەxx ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا، 65- ماددا، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ئەxx xx شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论