乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕144号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 144–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئەxx 2018-يىلى 8-ئايىنىڭ 8-كۈنى سائەت 01:30 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاxx يىزا xx-كەنىت كومېتىتىنىڭ يىنىدىكى سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىپ كىتىۋىتىپ، xx يىزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدىكى ئاxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە، ئوغرىلىق قىلىش نىيىتىگە كىلىپ، ئاxxنىڭ بىغى ئارقىلىق ھويلىغا كىرىپ، پىشايۋاننىڭ ئاسىتىدىن 96 يۈەن قىممىتىدىكى بىر خالتا بۇغداينى ئوغۇرلاپ، ئاxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا تەرپىدىكى ياڭاقىلىق باغقا ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قۇيغان. زىيانلانغۇچى ئاxx شۇ كۈنى كەچ ياتاق ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ، ھويلىسىدا بىر ئادەمنىڭ بىر خالتا نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىكەتكەنلىگىنى كۆرگەن بولسىمۇ، قورقۇپ ھويلىغا چىقالمىغان. ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يەنى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11:00 ئەتراپىدا جاۋابكار ئەxx ئوغرىلىغان بۇغداينى ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق مۇتسىكىلىتىغا بىسىپ، xx يىزا xx-كەنىت xx-مەھەللىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يول بويىدا بۇغداي ئىلىۋاتقان ناتۇنۇش بىرەيلەنگە 96 يۈەنگە سىتىپ پۇلسىنى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھادا ئىسپات بېرىش مەركىزى دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە «دېلوغا چېتىشلىق بىر خالتا بۇغدايىڭ باھاسى 96.00 يۈەن خەلق پۇلى» دەپ باھالاپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئەxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، زىياننىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: گۈلجامال ئابدۇقادىر
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىسلىدە، تىلفۇن xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 2 دانە پىلاستىنكا دېلوغا قۇشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论