乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕148号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئەxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 22:30 ئەتراپىدا ئاغىنىسى قۇxx بىلەن بىللە، ئاقيار بازىرى قاتناش بىكەتنىڭ قېشىدىكى «تولۇنئاي» ئارامگاھىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئەتىسى يەنى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 00:00 ئەتراپىدا دۇكاندىن قايتىپ چىقىپ، ئاقيار بازىرى يېڭى ئولتۇراق رايۇنى ئىچىگە توختىىتپ قويغان xx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ، ئاقيار بازىرى 7-كەنىت 2-مەھەللە يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا، شۇ ئەتراپتا چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيلىك باھالاش مەركىزنىڭ باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار ئەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 187.52 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئەxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەسىت ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن مۇساپە، يول بۈلىكى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش ۋە قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论