شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020)94 -نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر **ياش (****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومىرى: 3034** 652925 ، تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، ** ناھىيىسىدىن، توختىتىلىشتىن ئىلگىرى ** ناھىيە ** يېزا ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشى ئۈچۈن مەمۇرى جەھەتتىن 10 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بىرىلگەن، 2019-يىلى 5-ئايدا تارتىۋېلىش قىلمىشى ئۈچۈن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بىرىلگەن، 2019-يىلى 5-ئايدا خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالدامچىلىق، ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
جاۋاپكار ئە** ئالدامچىلىق، ئوغورلۇق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2020) 35-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدۇق:
1. جاۋابكار ئە** 2019-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە، توقسۇ بازار بىڭخۇدىكى ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچىش جەريانىدا ئۈچقات يېزا يۇلغۇنشەھەر كەنىت 4-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئە**بىلەن تونۇشۇپ ئۆزىنى «مەن تۈرمىدە ئىشلەيمەن» دەپ تونۇشتۇرغان، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئە**نىڭ ئايالىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، مەن ئايالىڭىزنى تۈرمىدىن ئەپچىقىپ بىرەي دەپ ئە**نى ئالداپ ئۈچ قېتىمدا جەمئىي 12 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىۋالغان. (زىيان ئەسىلگە كەلمىگەن)
2. جاۋابكار ئە** 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازار سۇپادۆڭ كەنىت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ت** بىلەن بىللە توقسۇ بازار قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايونىدىكى ئەسلىمە خوگوخانىسىدا تاماق يەپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا ت** ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلىگەندە ئۈندىدار چىقىم مەخپىي نومۇرىنى ئوغىرلىقچە كۆرىۋالغاندىن كېيىن ت**نىڭ ئۈندىدارىدىكى پۇلنى ئوغىرلاش نىيتىگە كېلىپ، تېلېفونۇمنىڭ پۇلىسى تۈگەپ توختاپ قاپتۇ، تېلېفونىڭىزنى بىرىپ تۇرۇڭ، تېلېفون قىلىۋالاي دەپ تېلېفونىنى سوراپ ئېلىپ ت**نىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق ئۈندىدارغا باغلاقلىق xxxx3 نومۇرلۇق پوچتا بانكا كارتىسىدىكى 2893 يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ ئوغىرلىۋالغان، ت**نىڭ تېلېفونىدىكى خاتىرىلەرنى ئۆچۈرىۋېتىپ تېلېفونىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. (زىيان ئەسىلگە كەلمىگەن)
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق، ئوغورلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 264-ماددا، 69-ماددا بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا قۇشۇپ جازالاپ 2 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، 3مىڭ يۇەن شىتراپ جازاسى بېرىش تەكلىۋىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى
قۇشۇمچە : 1› جاۋاپكار ھازىر توقسۇ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا. 2› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، 2 تۇپلام دېلو ئارخىپى، 2 دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论