欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某涉嫌盗窃,诈骗犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

                      ئەيىبلەشنامىسى

    

                           ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020)1095-نۇمۇرلۇق      

     جاۋاپكار ھەxx ،ئەر،1986-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى:xxxxxx6528231986،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەرxx بازىرى xx كەنتى غەربى x-نۇمۇر،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەرxxمەھەللىسى x-بىنا x-كۇرپۇس xx-نۇمۇر.ئىلگىرى جازالانمىغان.2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختىتىپ قۇيۇلغان،2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.شۇ كۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

     كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى8-ئاينىڭ 5-كۈنى جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى،ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

1. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى،جاۋاپكار ھەxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە،كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدا ئىشلەيدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قەxxنى«xx ساقچىخانىغا ياكى قاتناش چوڭ ئەترىتىگە يۆتكەپ قويىمەن»دەپ ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ 5000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

2.2019-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا،جاۋاپكار ھەxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە،كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدا ئىشلەيدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لوxxنىڭ خىزمىتىنى «يۆتكەپ قويىمەن» دەپ ئالداپ،ئۆزىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق ئۇندىدار ئىلتىماس قىلىپ ئىسمىنى 州局xx دەپ ئۆزگەرتىپ،جاxxنىڭ نامىدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لۇxxىڭ جەمئىي 20600 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

3. 2019-يىلى4-ئاينىڭ 22-كۇنى،جاۋاپكار ھەxx ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقستىدە،كورلا شەھىرىxxبازىرىxx يولى xx-نۇمۇردىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى راxxنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،كىيىم ئىشكابىنىڭ تارتمىسىدىن 15700 يۈەن نەق پۇل بىلەن بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈكنى ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتكەن.ئوغۇرلىغان بىردانە ئالتۇن ئۇزۇكنى باشقىلار ئارقىلىق 980يۇەنگە سېتىپ،ئوغۇرلىغان نەق پۇل بىلەن قۇشۇپ خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.( ئومومى قىممىتى:16680)

4. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 16:30 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ھەxxئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە،كورلا شەھەرxxبازىرى xxكەنت x-گۇرۇپتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قەxxنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنىڭ رىشاتكىسىنى قولى بىلەن قايرىپ،دەرىزىدىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ،ئىشكاپنى ئاختۇرۇپ،بىردانە 17.42 گىراملىق ئالتۇن زەنجىر،بىر دانە 4.24 گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈك،بىر دانە 4.08 گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈك،بىر دانە 1.94 گىراملىقئالتۇن ئۈزۈك،بىر دانە 17.32 گىراملىق ئالتۇن ھالقا قاتارلىق بۇيۇملارنى  ئوغۇرلاپ قىچىپ كەتكەن.ئوغۇرلىغان بۇيۇملارنى سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.(ئومۇمى قىممىتى:14399يۇەن)

كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ ( 2020)xxx-نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار باھاسىنى دەلىللەش يەكۇنىدە:

1. ئوغۇرلانغان بىردانە 17.42 گىراملىق ئالتۇن زەنجىر (ئالتۇن تەركىبى %999) نىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى باھاسىنى 5574.00 يۈەن دەپ بېكىتكەن.

2. بىر دانە 4.24 گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈك (ئالتۇن تەركىبى %999)نىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى باھاسىنى 1357.00 يۈەن دەپ بېكىتكەن.

3.بىر دانە 4.08 گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈك (ئالتۇن تەركىبى %999)نىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى باھاسىنى 1306.00 يۈەن دەپ بېكىتكەن.

4. بىر دانە 1.94 گىراملىقئالتۇن ئۈزۈك (ئالتۇن تەركىبى %999)نىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى باھاسىنى 620.00 يۈەن دەپ بېكىتكەن.

5.بىر دانە 17.32 گىراملىق ئالتۇن ھالقا (ئالتۇن تەركىبى %999)نىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى باھاسىنى 5542.00 يۈەندەپ بېكىتكەن.

5. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى جاۋاپكار ھەxx ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقستىدە،كورلا شەھەر xx بازىرى xx كەنىت xxيولى xx– نۇمۇرلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى رىxxنىڭ ھويلىسىغا تامدىن ئارتىلىپ كىرىپ،ئىشىكىنىڭ تاقالمىغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ،تامغا ئېسىپ قويغان كىچىك سومكا ئىچىدىكى پورتمالنىڭ ئىچىدىن 100 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ قىچىپ  كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

6. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 07:50لەت ئەتراپىدا،جاۋاپكار ھەxxئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە،كورلا شەھەرxx بازىرى xx كەنتى بالىلار باغچىسىنىڭ يىنىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شىيxx نىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەرىزىدىكى بىخەتەرلىك رامكىسىنى قولى بىلەن قايرىپ ئېچىپ،ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ،143100 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 121300يۇەن يىغىپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.(ئومۇمى قىممىتى:143100يۇەن)

     جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:ماددى ئىسپات،يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،ئېنىقلاپ تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە سۇرەتلىرى،نەق مەيدان تۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۇرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

     يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار ھەxxئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ،جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ھەxx قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ،ئۆزى يالغۇز تۆت قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ،باشقىلارنىڭ 174279يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلىغان بۇلۇپ،سوممىسى ناھايتتى كۆپ، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 264-ماددىىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ھەxx قانۇنسىز ئىگلىۋىلىش مەقسىتىدە،ئالداش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ،ئۆزى يالغۇز ئىككى قېتىم ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىپ،باشقىلارنىڭ 25600 يۇەن قىممىتىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان بۇلۇپ،سوممىسى كۆپرەك، قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ھەxx بىرنەچچە خىل جىنايەتنى سادىر قىلغان بۇلۇپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇن»نىڭ 69-ماددىسىدىكى بىر نەچچە جىنايەتنى قۇشۇپ جازالاش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن.شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋابكار ھەxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.  

ھۆرمەت بىلەن : 

                           

                              كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە       

                                     

                                          تەپتىش:ھاۋاگۇل توختى

                                    2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى     

ئەسكەرتىش : 

 (1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 3توپلام،10 نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى . 

(2)جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top