شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 539-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئېXX، ئەر، 1999- يىلى 11- ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇيغۇر، ساۋاتسىز ،نۇپۇسقا ئېلىنمىغان، ئەسلى تۇغۇلغان يۇرتى :كورلا شەھەر بوستان كوچىسى XX-نۇمۇر،تۇتۇلىشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر لەنگەر يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، مۇقىم كەسپى يوق. ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئىدارىمىز تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان. 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار ئېXXنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
1)جاۋاپكار ئېXX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كىيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز ئايلىنىپ يۈرۈپ، كورلا شەھەر لەنگەر يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق زىلانلانغۇچى چېن XXنىڭ ئۆيىنىڭ كەينى دەرىزىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ، بىر دانە بىنەپشە رەڭلىك 捷马ماركىلىق ،金蜜蜂تىپلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت،بىردانە 富鑫达ماركىلىق ئىلىكتىر ماتۇر،20گۇرۇپ قۇرلۇشقا ئىشلىتىدىغان تۈمۈر جازىنى ئوغرىلاپ ، كورلا شەھەر چارباغ يېزا يېڭى بوستان كەنىت تەرەپكە مېڭىپ يولدا كىتىۋاتقان ئەسكى تۈسكى نەرسىلەرنى سېتىۋالدىغان خەنزۇ ئەرگە توكسىكىلىتنى 120يۇەنگە ،ئىلىكتىر ماتۇرنى بىلەن تۈمۈر جازىنى 40يۇەنگە سېتىپ، پۇلنى خەجلەپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال يېغىپ كېلىنمىگەن.
كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ [2020 ] 35- نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ باھاسىنى 2080يۇەن ،ئىلىكتىر ماتۇرنىڭ باھاسىنى 525يۇەن ،قۇرلۇشقا ئىشلىتىدىغان تۈمۈر جازىنىڭ باھاسىنى 2480يۇەن دەپ باھالىغان.دېلو ئوغرىلىق ئومۇمى قىممىتى : 5085 يۈئەن.
2) جاۋاپكار ئېXX 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 2لەر ئەتىراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز پىيادە مېڭىپ، كورلا شەھەر لەنگەر يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ يول ياقىسىدىكى زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ گۆش ساتىدىغان ئورۇنغا قۇيۇپ قويغان سوغۇق ساقلاش ساندۇقىنىڭ ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچىغا سېلىپ قويغان زەنجىر قۇلۇپنى قۇلى بىلەن ئاجىرتىپ، ئىچىگە سېلىپ قويغان 11كىلو قوي گۈشىنى ئوغرىلاپ، كورلا شەھەر لەنگەر يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇرلۇق ئۈيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئوغرىلىغان گۆشنى ئۆزى يالغۇز يەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال يېغىپ كېلىنمىگەن.
كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ [ 2020 ]35- نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە 11كىلو گۆشنىڭ قىممىتىنى 770يۇەن دەپ باھالىغان ،زاڭ مال قايتۇرۇپ كىلىنمىدى .
3) جاۋاپكار ئېXX 2020-يىلى 01-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى بىر كۈنى كەچتە ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، ئۆزى يالغۇز كورلا شەھەر لەنگەر يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ مەسچىتنىڭ يېنىدىكى گۆش ساتىغان ئورۇنغا بېرىپ ،زىيانلانغۇچى ئۆXXنىڭ كانار ئېسىپ قويغان ئۈچ كىلوگىرام ئېغىرلىقتى قوينىڭ گۈشىنى ئوغرىلاپ، كورلا شەھەر لەنگەر يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇرلۇق ئۈيىگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ گۆشنى ئۆزى يالغۇز يەپ تۈگەتكەن . ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ [ 2020 ]35- نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە 3 كىلو گۆشنىڭ قىممىتىنى 210يۇەن باھالىغان .
4) جاۋاپكار ئېXX 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچقۇرۇن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، كورلا شەھەر لەنگەر يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ چوڭ يول ياقىسىدىكى زىيانلانغۇچى كXXنىڭ دۇكىننىڭ سىيرىلما ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى داسنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغان تۆت كىلوگىرام تۇنۇر كاۋاپنى ئوغرىلاپ، ئۆزى يالغۇز يەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
كورلا شەھەرلىك باھادا ئىسپات بىرىش مەركىزىنىڭ ( 2020 )35- نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە 4كىلو تونۇر كاۋاپنىڭ قىممىتىنى 480يۇەن باھالىغان .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھا- ئىسپاتى ۋە جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئېXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئېXX قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسى قوللىنىپ، تۆت قېتىمدا باشقىلارنىڭ 6545 يۈئەن قىممىتىدىكى مال – مۈلكىنى ئوغرىلىغان بۇلوپ مىقتارى كۆپرەك. قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ›› 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئسپاتى تولۇق،ئوغرىلىق جىنايىتى بويىنچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئېXXنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق،قانۇن بويىنچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى
تەپتىش :يۈسۈپجان مەمەت
ھەمراگۈل ياسىن
2020-يىلى 7- ئاينىڭ 7-كۈنى
ئەسكەرتىش:(1) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا .
(2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论