شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)299 -نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئە**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2537 ******652925، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىىگە ئىگە ، دىھقان ، ت** ناھىيىسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئۇرنى: ت**ناھىيە ي**بازار ئۈ** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى دەل – دەرەخلەرنى قالايمىقان كىسىش جىنايىتى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .
جاۋابكار ئە**نىڭ دەل- دەرەخلەرنى قالايمىقان كىسىش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 111–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋاپكار ئە**2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۆزىنىڭ ئۈجمېرىق كەنىت 5-گوروپ تەۋەسىدىكى تېرىلغۇ يىرىنىڭ غەرپ تەرپىدىكى شىمالدىن جەنۇپقا سۇزۇلغان ۋە جەنۇپ تەرەپتىكى شەرقتىن غەرپكە سۇزۇلغان ئىككى پارچە ئورمان بەلبىغىدىكى 135 تۈپ ئورماننى يۇلتۇزباغ بازار بەلگېرىق كەنىت 1-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ھ**غا 6000 يۈەنگە سېتىپ بىردىغانغا، ئورماننىڭ كىسىش ئىجازەتنامىسىنى ئە** ئۆزى بېجىرىپ بىردىغانغا كىلىشكەن، ھ**ئورماننى سېتىۋېلىپ كىسىشتىن بۇرۇن ئە**دىن ئورماننىڭ كىسىش رەسمىيتىنى ئۆزىگە تەمىنلەپ بىرىشىنى ئېيتقاندا ئە** ئورماننىڭ رەسمىيىتنى بېجىرىپ بولدۇم، مەن ھازىر سانجى ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسگە كالا سېتىۋالغىلى كەلگەن، رەسسمىيەتىنى ئايالىم سىلەرگە ئەچىقىپ بىرىدۇ، سىز ئورماننى خاتىرجەم كىسىۋېرىڭ دىگەن، نەتىجىدە ھ** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-10-كۈنى ئۈچقات يېزا بەلكەستى كەنىت 7-گوروپتا ئولتۇررۇشلۇق تىلۋالدى ئاۋۇتىنى ئورماننى كىسىشكە ياللاپ ، يۇقارقى ئورمان بەلبېغىدىكى 135 تۈپ ئورماننى كەسكەن.
شىنجاڭ جېن گۋەن دا يېزا ئگىلىك پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ (2020) 149-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە: ئورماننىڭ تۈرى : تېرەك ئورمان، 135 تۈپ ئورماننىڭ ئۇمۇمى زاپىسى :25.7937 كۇپ مىتىر، ئورمان بەلبىغىنىڭ خارەكتىرى : ئېتىز -ئېرىق مۇداپىيە ئورمان بەلبىغى دەپ باھالىغان.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاشنامە، ئۈن- سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار ئە**نىڭ قىلمىشىدىن دەل – دەرەخلەرنى قالايمىقان كىسىش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ئە**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 345-ماددا 2- تارماق ، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ئە**غا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 2000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
مۇئاۋېن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : سائادەت مەخمۇت
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلسىدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى،9 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论